دادا بولغان ئادەم ئوماق بالىسىنى قۇچاقلاپ قويسا پايدىسى بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئۆز قولى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوماق بالىسىنى قۇچاقلاش ھەربىر دادىنىڭ ئىنتايىن ھاياجانلىنىدىغان ۋاقتى. دادىنىڭ نەزىرىدە بالا بىر ئاجىز نەرسە، ئۇ ناھايىتى كىچىك، ناھايىتى يۇمشاق، چاچلىرى كىچىككىنە، بوينى يۇمشاق بولۇپ، بالىنى قولغا ئالغاندا، كىشى بىر ئاز خەتەرلىك ھېس قىلىدۇ. گەرچە بالىنىڭ ھەممە يېرى دادىنىڭ شۇ چوڭ قولىغا بىر كەلسىمۇ ئەنسىرىشىدۇ، بۇ دەل بالىغا بولغان چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت تەسىرى ۋە ئارتۇقچە ئەنسىرەشتىن بولىدۇ. بارلىق دادىلار تۇنجى قېتىم بالىنى قۇچىقىغا ئالغاندا، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، سەللا دىققەت قىلمىسا، بالىنىڭ يىغلاپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالا دادىنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ بەكرەك <قەيسەر> بولۇپ، پەقەت بالىنىڭ بېشى سىلكىنىپ كەتمىسىلا بولىدۇ. ئادەتتە يىقىلىپ سىلكىنىپ كەتسىمۇ، بالىنى چوڭ زەخىملەندۈرمەيدۇ، بۇ خىل قورقۇنچنى يېڭىش ئۈچۈن، دادىلار بالىنى يۇيۇپ بېقىشى، ئانىغا ياردەملىشىپ بالا بېقىشى ۋە بالا بىلەن ئوينىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا يالغۇز ئايالغىلا ئارام ئېلىش پۇرسىتى بېرىپلا قالماي، بالىنى چۈشىنىش پۇرسىتىمۇ كۆپ بولىدۇ