UyghurWiki›نەمە›بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن يېمەك - ئىچمەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن يېمەك - ئىچمەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
مېڭە بولسا ئىنساننىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل بۇلىقى. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، مېڭە ئىقتىدارىنىڭ ياخشى - يامان بولۇش ئامىلى گەرچە ئىرسىيەت، مۇھىت، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ چېنىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، بىراق 80% تىن كۆپرەكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تېخىمۇ ئىلگىرىلگەن ھالدا قىلىنغان تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، سەككىز خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار مېڭىنىڭ ساغلام يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن، يېتەرلىك تولۇقلانغان ياغ مېڭە ئىقتىدارىنى ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدۇ. يېتەرلىك تولۇقلانغان ۋىتامىن C مېڭىنى ئۆتكۈر قىلىدۇ، يېتەرلىك تولۇقلانغان كالتسىي چوڭ مېڭە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، شېكەر بولسا مېڭە پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى. ۋىتامىن B تۈرىدىكى ماددىلار نېرۋا توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، ۋىتامىن A چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋىتامىن E مېڭە پائالىيىتىنى ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا خىلمۇخىل ئوزۇقلۇق ماددىلار مەسىلەن: سۇلفات كىسلاتاسى، فوسفور كىسلاتاسى، يود، تۆمۈر، سىنك قاتارلىقلارمۇ مېڭىنىڭ يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بالىلارنىڭ مېڭىسى يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرغاندا، ئەقلىي قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە مېڭىنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تەڭپۇڭ ھالدا ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم