يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تېتانۇسنىڭ قانداق ئالدى ئېلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تېتانۇس يەنە بوۋاقلار قاتما كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تېتانۇس تاياقچە باكتېرىيىسى كىندىك قىسمىدىن بەدەنگە كىرىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك. بۇ كېسەلنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر، جىددىي، كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى ناچار، ئالدىنى ئېلىش ئەڭ مۇھىم. كېسەللىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كىندىكنىڭ كېسىلگەن ئۇچى ياخشى دېزىنفېكسىيىلەنمەسلىك، بولۇپمۇ كونىچە ئۇسۇلدا تۇغدۇرۇلغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا تېتانۇس تاياقچە باكتېرىيىسى كىندىك ئارقىلىق بەدەنگە كىرىشتىن كېلىپ چىقىدۇ ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىن كىندىكنى ئاسراشتا پاكىزلىققا، دېزىنفېكسىيىلەشكە دىققەت قىلماسلىقتىنمۇ كېسەللىك باكتېرىيىسى كىرىدۇ. بۇ خىل باكتېرىيە ئادەم تېنىگە كىرگەندىن كېيىن كۆپىنچىسى تۆت كۈندىن ئالتە كۈنگىچە بولغاندا ئاندىن كېسەل قوزغىلىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بوۋاقلاردا دائىم بىئاراملىق، يىغلاش كېيىن ئەمگەندە چىڭ شورىيالماسلىق، چىشى كىرىشىش، تارتىشىش، قاپاق يوچۇقى كىچىكلەش، يۈز مۇسكۇلى سپازمىلىشىشتىن قاپاق تۈرۈلۈش، پېشانىسىنى كۆتۈرۈش، ئېغىزى سىرتقا تارتىلىپ، كالپۇك قورۇلۇپ ھەم پۈرۈلۈپ دومسىيىپ ئازابلىق كۈلگەندەك ئالامەتلەر ئىپادىلىنىدۇ. بويۇن گەۋدە مۇسكۇللىرى ئىپادىسى بىر جۈپ قول چىڭ تۈگۈلۈش، ئىككى بىلەك تۈزلىنىش قاتارلىقلار. ھەرقانداق يېنىك غىدىقلاش مەسىلەن: ئاۋاز، نۇر، تىترەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. كۆپ ساندىكى گىرىپتار بولغۇچى بوۋاقلار قىزىيدۇ. بۇ كېسەلنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. زور كۈچ بىلەن يېڭى ئۇسۇلدا تۇغدۇرۇشنى كېڭەيتىش، تۇغدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سايمانلار داكا قاتارلىقلارنى ئىشتىن ئاۋۋال قاتتىق دېزىنفېكسىيىلەپ ئاندىن ئىشلىتىش. كىندىكنىڭ كېسىلگەن قىسمىنى باغلىغاندىن كېيىن، يود تىنىكتۇرىسى، ئىسپىرت بىلەن ياخشى دېزىنفېكسىيىلەش، ئاندىن دېزىنفېكسىيىلەنگەن داكا بىلەن ئوراپ قويۇش، كىندىك قۇرۇشقاندىن كېيىن كىندىكتە يۇقۇملىنىش بار - يوقلۇقىنى كۆزىتىپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېتانۇس بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان ھامانلا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.