UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول چىرىقى ياندۇرۇلمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول چىرىقى ياندۇرۇلمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سىز قاراڭغۇ كېچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئالدىڭىزغا قارىغىنىڭىزدا، پەقەتلا يول بويىدىكى بەلگەن، يول يۈزىدىكى بەلگە سىزىقلىرى ۋە باشقا قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئاپتوموبىل چىرىقىنىڭ ئېنىق يورۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرەلەيسىز، ئەمما، كەينىڭىزگە قارىسىڭىز يەنىلا قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىدا يورۇتۇپ تۇرغان يول بەلگىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە بەلگىلەردۇر. بۇ نۇر قايتۇرىدىغان بەلگىلەرنىڭ ئۈستىگە مىكرو شارچە چاپلىنىپ ياسالغان بىر خىل نۇر قايتۇرغۇچ مېتال پەردە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەينەك مىكرو شارچىنىڭ دىئامېتىرى ئادەم چېچى دىئامېتىرىنىڭ يېرىمىغا تەڭ بولۇپ، نۇر سۇندۇرۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئوپتىكىلىق ئەينەكتىن ياسالغان. نۇر قايتۇرغۇچ پەردىگە ئاپتوموبىل ئالدى چىرىقىنىڭ كۈچلۈك نۇرى چۈشكەندە، مىكرو ئەينەك شارچىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش رولى ۋە مېتال پەردىنىڭ نۇر قايتۇرۇش رولى بولغاچقا، نۇر پارالىل ھەم يۆنىلىشلىك ھالدا قايتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يورۇتۇلغان قاتناش بەلگىسى ناھايىتى روشەن كۆرۈنىدۇ. نۇر قايتۇرغۇچ پەردە قاراڭغۇدا چىراغ نۇرى چۈشكەندىن كېيىن نۇر قايتۇرىدۇ، ئېنېرگىيە سەرپ قىلمايدۇ. نورمال ئەھۋالدا، نۇر قايتۇرىدىغان بەلگىلەرنىڭ ئاپتوموبىل چىرىقى بىلەن بولغان نۇر قايتۇرۇش ئارىلىقى 100 مېتىرغا يېتىدۇ. شوپۇر 004 مېتىر ئارىلىقتا بەلگىلەرنىڭ رەڭگى، رەسىم شەكلى ۋە بەلگىلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ؛ 200 مېتىر ئارىلىقتا بەلگىلەرنىڭ ئۈستىدىكى يېزىقىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا نۇر قايتۇرىدىغان بەلگىلەرنى ئىشلەتكەندە ھەم ئېنېرگىيىنى تېجىگىلى بولىدۇ، ھەم شوپۇرلار قاتناش بەلگىلىرى، يول يۈزىدىكى بەلگە سىزىقلار ۋە توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە