UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئاساسىي ئىممۇنىتېت دېگەن نېمە؟

ئاساسىي ئىممۇنىتېت دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن ئاساسىي ئىممۇنىتېت دېگەن ئورگانىزم تۇنجى قېتىم مەلۇم بىر ۋاكسىنا بىلەن ئەملىنىشنى تاماملىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ۋاكسىنىنىڭ تۈرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ئەملەنگەندىن كېيىن ھاسىل قىلىدىغان ئىممۇنىتېت ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە تىرىك ۋاكسىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئۈنۈمى ياخشىراق. ئاساسىي ئىممۇنىتېت پەقەت بىر قېتىم ئەملىگەندىلا تاماملىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆلۈك ۋاكسىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئۈنۈمى ناچارراق، ئاساسىي ئىممۇنىتېت چوقۇم بىر قانچە قېتىم ئەملەنگەندىن كېيىن ئاندىن تاماملىنىدۇ، كۆپ قىسىم ۋاكسىنىنىڭ ئاساسىي ئىممۇنىتېتى كۆپ قېتىم ئەملەنگەندىن كېيىن ئاندىن قانائەتلىنەرلىك ئىممۇنىتېت ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بوۋاقلار بىر ياش ئىچىدە چوقۇم بىر قېتىم كالمېت - گۋېرىن ۋاكسىنىسى، ئۈچ قېتىم يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بالىلار تاتلىق كۇمىلىچى، ئۈچ قېتىم كۆكيۆتەل، بوغما، تېتانۇس ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىسى، بىر قېتىم تىرىك قىزىل ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملىنىشنى تاماملىشى كېرەك. بۇنىڭدا پىلانلىق ئىممۇنىتېتتىكى ئاساسىي ئىممۇنىتېتنى تاماملىغان بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە