UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقانداق قىلغاندا بوۋاقلارغا زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسىنى مۇۋاپىق بەرگىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا بوۋاقلارغا زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسىنى مۇۋاپىق بەرگىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئانا سۈتى تەركىبىدىكى لىنولېئىك كىسلاتاسى كالا سۈتىدىن تۆت - بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى خىلمۇخىل ياغ كىسلاتاسىنىڭ نىسبىتى بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. شۇڭا ئانا سۈتى بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇقى، بالىنى ئانا سۈتى بىلەن باقىدىغان ئانىلار تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، مۇشۇ تەركىبلەر يۇقىرى بولغان سۈت پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئانىلار يېمەك - ئىچمەكتە مۇشۇ خىل تەركىبلەر يۇقىرى بولغان يېمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. كالا سۈتىدە زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە كالا سۈتىدە سۈت كىسلاتاسى بىر ئاز كۆپ ھەم سۈت كىسلاتاسى جىگەر قاتارلىقلارنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلارغا زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسىنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش. لىنولېئىك كىسلاتاسى بولسا، زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسىنى ئاساسلىق قىلىش كېلىش مەنبەسى. ئۆسۈملۈك مايلىرى ئىچىدىكى ئاپتاپپەرەس يېغى، پۇرچاق يېغى، كۆممىقوناق يېغى قاتارلىقلاردا بىر ئاز كۆپ، ھايۋانات مايلىرىدا بىر ئاز شۇڭا، ئۆسۈملۈك يېغى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئادەتتە يايو كىسلاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارى ئومۇمىي ئىسسىقلىقنىڭ 1% ىدىن تۆۋەن ئەمەس (ياغنىڭ تەمىنلەيدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئادەتتە ئومۇمىي ئىسسىقلىقنىڭ 35% ىنى ئىگىلەيدۇ) بولۇپ، زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
قانداق قىلغاندا بوۋاقلارغا زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسىنى مۇۋاپىق بەرگىلى بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki