UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبىر مو يەردىن زادى قانچىلىك ئاشلىق ئالغىلى بولىدۇ؟

بىر مو يەردىن زادى قانچىلىك ئاشلىق ئالغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىر مو يەردىن تەخمىنەن 666 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن قانچىلىك ئاشلىق ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى تارىختىن بۇيان كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ كەلدى. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئالىملار زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. نەتىجخدە مۇنۇلارنى بايقىغان: زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدىكى قۇرۇق ماددىلارنىڭ تەخمىنەن 90 - 95 پىرسەنتى فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق ئېرىشىلىدىكەن. دېمەك، ئۇ قۇياشنى ئېنېرگىيە مەنبەسى، كاربون (Ⅳ)- ئوكسىدى بىلەن سۇنى خام ئەشيا قىلىپ، خلوروفىل <سېخى> دا پىششىقلاپ ئىشلىنىپ ئىنسانلار ئىستېمال قىلىدىغان ئاشلىققا ئايلىنىدۇ. مۆلچەرلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، مو بېشى مەھسۇلاتى 269.5 كىلوگرام بوغان بۇغداينىڭ ئۆسۈش جەريانى ئۈچۈن 4 مىليارد 400 مىليون كىلوكالورىيىلىك قۇياش ئېنېرگىيىسى، 150 توننا كاربون (Ⅳ) - ئوكسىد ۋە 300 توننا سۇ سەرپ بولىدىكەن. بىراق، ئالىملار نۆۋەتتە زىرائەتلەرنىڭ قۇياش ئېنېرگىيسىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنىڭ يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، مەسىلەن، شالنىڭ 0.93 - 1.43 پىرسەنتى، كۆممىقوناقنىڭ 0.95 - 2.18 پىرسەنتى، دادۇرنىڭ بولسا ئاران 0.58 - 0.86 پىرسەنتى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. شالنى مىسالغا ئالساق، ئەگەر يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش نىسىتىنى 1% ئۆستۈرگەندە، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى بىر پەسىللىك شالنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتىنى 700 كىلوگرامغا، يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى 3.1% ئۆستۈرگەندە، مو بېشى مەھسۇلاتىنى 1400 كىلوگرامغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ؛ يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى 4.1% ئۆستۈرگەندە بولسا مو بېشى مەھسۇلاتىنى 2800 كىلوگرامغا يەتكۈزۈپ، ھازىرقى مەھسۇلات مىقدارىنى ئىككىدىن ئارتۇق قاتلىغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ بىر پەسىللىك شال، ئەگەر ئارقىسىدىن يەنە ئۇلاپ چىلگە شال تېرىلسا، ئۇ چاغدا ئېلىنىدىغان ھوسۇل تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇ سانلار كىشىنى نېمىدېگەن جەلپ قىلدۇ - ھە! پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرىقىلارنىڭ چوقۇم تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
← بارلىق تېمىلار نەمە