UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ كىچىك مۇسكۇل ھەرىكىتىنى قانداق چېنىقتۇرۇش كېرەك؟

بالىلارنىڭ كىچىك مۇسكۇل ھەرىكىتىنى قانداق چېنىقتۇرۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئوقۇش يېشىغا كىرىشتىن ئىلگىرىكى بالىلارنىڭ مۇسكۇل ھەرىكىتى ئاساسلىقى قول ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ بۇ كىچىككىنە بىر جۈپ قولىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئۇمۇ ئەقلىي قابىلىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. چۈنكى قول چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۆرۈش، ئاڭلاش قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى سەزگۈ ئۇچۇرلىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇ كۆز، قۇلاق قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنى تەڭشەپ، چوڭ مېڭىدىن باشلاپ پۈتۈن بەدەندىكى سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشىلىنىشقا، ماسلىشىشقا ئېرىشىدۇ. قول يەنىلا بالىنىڭ دۇنيانى تونۇشىدىكى بىر قورال. بالىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئويۇن، ئۆگىنىش، ئەمگىكى جەريانىدا بالىلارنىڭ جىسىملارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بىلىشتە، شەيئىلەرگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قول بەلگىلىك دەرىجىدە ياردەم بېرىدۇ. بالىلار پائالىيەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ھامان مەقسەتسىز ھالدا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار پەقەت پائالىيەت جەريانىدىن قانائەتلىنىدۇ ھەم مۇشۇ جەرياندىن خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ. بىز دائىم بالىلارنىڭ كۇبىك تىزىۋاتقاندا، رەسىم سىزىۋاتقاندا بىر تەرەپتىن ئويناپ، بىر تەرەپتىن گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى، ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى، ئەتراپىدىكى ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغانلىقىنى كۆرىمىز. مانا بۇ كىچىك مۇسكۇللار ھەرىكىتىنىڭ بالىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش رولىنى ئوينىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەم شۇنداقلا بالا ھەربىر قېتىملىق گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى تاماملاپ بولغاندا ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. بۇمۇ ئۇلارنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسىنى تەرەققىي قىلىدۇرىدۇ. قولى ئەپچىل، چاققان بولسا، مۇستەقىل تۇرمۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. كىچىكىدىن باشلاپ باشقىلارغا يۆلىنىۋالمايدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كۈچىيىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى تۇرمۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار نەمە