UyghurWiki
UyghurWikiنەمەزۇكام< دېگەن نېمە؟

زۇكام< دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن زۇكام ئۆتكۈر ئۈستۈنكى نەپەس يولى ياللۇغى، كېسەللەندۈرگۈچى باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان بۇرۇن، بۇرۇن يۇتقۇنچاق ۋە يۇتقۇنچاق قىسمىنىڭ ياللۇغلىنىشى، كىچىك بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان زۇكام 90% تتىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، يەنە باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىش ئەگىشىپمۇ كېلىدۇ،زۇكامنىڭ ئالامىتىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكى ياش قۇرامى، كېسەل قوزغاتقۇچىلار ۋە ئورگانىزمنىڭ قارشىلىق كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بوۋاق بالىلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرراق. كېسەللەنگۈچىدە دائىم سوغۇق ئۆتۈپ بىر - ئۈچ كۈندە بۇرۇن توسۇلۇش، پوتلا ئېقىش، چۈشكۈرۈش، قۇرۇق يۆتەل، قىزىش قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. بوۋاق بالىلار تۇيۇقسىز كېسەللىنىپ، يۇقىرى قىزىتما، ئىشتىھاسى ناچارلاش، بىئاراملىق، يۆتىلىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ھەتتا بەزى بوۋاقلاردا يەنە يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىش كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ئاز بىر قىسىم كېسەللەنگۈچىدە كېسەللىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كىندىك ئەتراپى مۇجۇغاندەك ئاغرىيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە