UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ماگنىتلىق سۇسپېنزىيلىك پويىز بوشلۇقتا ماڭالايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ماگنىتلىق سۇسپېنزىيلىك پويىز بوشلۇقتا ماڭالايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن پويىزنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك چاقى بولىدۇ، چاق رېلىستا ھەرىكەتلىنىپ، پويىزنىڭ ئالدىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. لېكىن، شۇنداق بىر خىل غەلىتە پويىز باركى، ئۇنىڭ چاقى يوق، ئالدىغا ماڭغاندا گەۋدىسىمۇ رېلىس بىلەن ئۇچراشمايدۇ، يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ بوشلۇقتا ماڭىدۇ، مانا بۇ ماگنىتلىق سۇسپېنزىيىلىك پويىز. ماگنىتلىق سۇسپېنزىيىلىك پويىز ماگنىتنىڭ ئوخشاش قۇتۇپلارنىڭ ئۆز ئارا تېپىشىش، قارىمۇ قارشى قۇتۇپلارنىڭ ئۆز ئارا تارتىشىش قانۇنىيىتى بويىچە لايىھىلەنگەن. پويىز ۋە رېلىسقا نۇرغۇن سىم چەمبىرەكلەر ئورنىتىلغان، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالداپويىزنى رېلىس بوشلۇقىدا لەيلىتىش، پويىزنىڭ ئالدىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە پويىزنىڭ ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە. پويىز ۋە پويىزنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى رېلىستىكى سۇسپېنزىيىگە سىم چەمبىرەك ئارقىلىق توك ئۆتكەندىن كېيىن ماگنىت مەيدانى پەيدا بولۇپ، ماگنىتقا ئايلىنىدۇ. بۇ ئىككى ماگنىت قۇتۇپىنىڭ خاراكتېرى ئوخشاش بولۇپ، پەيدا بولغان ئۆز ئارا تېپىشىش كۈچى پويىزنىڭ ئېغىرلىق كۈچىنى يوقىتىدۇ، شۇڭا پويىز رېلىسىنىڭ ئۈستىدە لەيلەيدۇ. ئاندىن پويىز ۋە پويىزنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى رېلىستىكى ئالدىغا ماڭدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سىم چەمبىرەككە بىر - بىرلەپ توك ئۆتسە، ئۇلارنىڭ قۇتۇپى قارىمۇ قارشى ماگنىتقا ئۆزگىرىدۇ ھەمدە بىر - بىرىنى تارتىش كۈچى پەيدا بولۇپ، پويىزنى ئالدىغا ماڭدۇرىدۇ، ئەگەر رېلىستىكى ئالدىغا ماڭدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سىم چەمبىرەكتىكى توك ئېقىمى ئۈزۈۋېتىلسە ياكى يۆنىلىشى قارىمۇ قارشى توك ئېقىمى بېرىسلە پويىزنى توختاتقىلى بولىدۇ. پويىزنى ئايلاندۇرۇشقا توغرا كەلگەندە پويىز ۋە پويىزنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى رېلىستىكى يول باشلاش سىم چەمبرىكىگە توك ئۆتسە پويىز ئەگرى سىزىق بويلاپ ھەرىكەتلىنىدۇ. ماگنىتلىق سۇسپنېزىيىلىك پويىزنىڭ شوپۇرى بولمايدۇ، ئۇنىڭ مېڭىشىنى پۈتۈنلەي ھېسابلاش ماشىنىسى تىزگىنلەيدۇ. باشقا پويىزلارغا سېلىشتۇرغاندا بۇ پويىز سۈرئەت تېز، سەرپىيات تۆۋەن، شاۋقۇن ئاز، بۇلغىنىش يوق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار نەمە