UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ ئالدى - كەينىدە قانداقپسىخىكا تەييارلىقلار بولۇشى كېرەك؟

ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ ئالدى - كەينىدە قانداقپسىخىكا تەييارلىقلار بولۇشى كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن پەقەت بالىنىڭ يېمەكلىككە بولغان تەدرىجىي قىزىقىشىغىلا قارىماي، يەنە بالىنىڭ ئەمچەكتىن ئايرىلىش مەزگىلىدىكى پسىخىكىسىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان ھەرقانداق بالا ئەمچەكتىن ئايرىلىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ ئەمچەكتىن ئايرىلىشى نىسبەتەن ئوڭاي بولىدۇ، بەزى بالىلار بەك كۆپ ئاۋارىچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمچەكتىن ئايرىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغاندا، بالىنىڭ پسىخىكا جەھەتتىن يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاتا - ئانىنىڭ دىققەت قىلىشىغا ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەرزىيدىغان مەسىلەن: بالىنىڭ ئانا سۈتىگە ئامراق بولۇشى پەقەت ئانا سۈتىدە ئوزۇقلۇق مول بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى شۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالغانلىقى، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپ ئېمىپ، ئىنتايىن راھەت ھېس قىلىدىغانلىقى ۋە ئانىسىنىڭ پۇرىقىنى پۇراشنى ياقتۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن بولۇپ، ئانىسىنىڭ ئىللىق باغرىدىن، بىخەتەر، راھەت يەردىن بەھرىلىنىدۇ. فىزىئولوگىيە ۋە پسىخىكا جەھەتتىكى تەلىپى قانائەت تاپىدۇ، ئەگەر تۇيۇقسىز ئەمچەكتىن ئايرىلسا، بالا ماسلىشالماي، قاتتىق يىغلايدۇ. كېچىسى ئويغىنىپ كېتىدۇ، تاماقنى رەت قىلىدۇ، كەيپىياتى مۇقىم بولمايدۇ. بۇ بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر قىلىپلا قالماي، بالىنىڭ پسىخىكا جەھەتتىن يېتىلىشىگىمۇ تەسىر قىلىدۇ. بولۇپمۇ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان مەزگىلدە، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەرمىگەن بالىلارغا نىسبەتەن، ئاددىي بولغان ئەمچەكتىن ئايرىش ئۇسۇلى، بالىنىڭ جىسمانىي ۋە پسىخىكا جەھەتتىكى ماسلىشالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بالىنىڭ پسىخىكىسىدا قارا سايە پەيدا قىلىدۇ، كېيىن تاماق بىلەن بېقىش تەسلىشىدۇ. ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولماي، روھىي كەيپىياتى ئەمچەكتىن ئايرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ياخشىلانمايدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە