UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن قىزىل ۋاكسىنىسى ئۇرۇلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن قىزىل ۋاكسىنىسى ئۇرۇلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن قىزىل ۋاكسىنىسى بولسا بىر خىل زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان تىرىك ۋاكسىنا. قىزىل ۋاكسىنىسى ئۇرۇشنىڭ مەقسىتى ئادەم بەدىنىدە ماس ھالدىكى ئانتىتېلا ھاسىل قىلىش، شۇ ئارقىلىق قىزىلنىڭ ئالدىن ئېلىش ئۈنۈمىگە يېتىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو بالىلار ئىممۇنىتېت تەرتىپى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قىزىل ۋاكسىنىسىنى بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز ئايلىقتىن كېيىن ئەملەش كېرەك. ئاساسلىق سەۋەبى سەككىز ئايلىق ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ قېنى تەركىبىدە ئانا تېنىدىن قوبۇل قىلغان قىزىل ئانتىتېلاسى بار بولۇپ، بوۋاقلارنى قىزىل چىقىشتىن ساقلايدۇ. بۇ مەزگىلدە ئەگەر قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملىنىلسە ۋاكسىنىدىكى ۋىرۇس بوۋاق تېنىدە بار بولغان ئانتىتېلا بىلەن نېيتراللىشىپ كېتىپ ۋاكسىنا ئۈنۈمىدارلىقىنى جارى قىلدۇرالماي، ئورگانىزمنى غىدىقلاپ ئىممۇنىتېت ھاسىل قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. سەككىز ئايلىقتىن كېيىن بوۋاق ئانا تېنىدىن ئېرىشكەن ئانتىتېلا ئاساسەن تۈگەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بوۋاقلار تېنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى تېخى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، بۇ ۋاقىتتا قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملىگەندە ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. شۇڭا قىزىل ۋاكسىنىسىنى بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز ئايلىقتىن كېيىن ئەملەش، ئۇنىڭدىن سىرت، يەتتە ياش ئەتراپىدا يەنە بىر قېتىم كۈچەيتىپ ئوكۇل قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە