ھامىلىنىڭ تەۋرىنىشى ئارقىلىق بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشۋاقتىنى قانداق ھېسابلىغىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى ھەرىكىتىنى ھېس قىلىش <ئۆزىگە سېزىلىدىغان ھامىلە ھەرىكىتى> دېيىلىدۇ. تۇنجى قېتىم ھامىلىنىڭ تەۋرىگەنلىكىنى ئادەتتە ھامىلىدار بولۇپ 18 ھەپتىدىن 20 ھەپتىگىچە بولغان جەريان ئىچىدە ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ، بەشىنچى ئېيىغا (20 ھەپتە) يەنە تۆت ئاي 20 كۈن قوشساق، بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. بىراق، تۇغۇپ باققان ئاياللار دائىم ئالدىنئالا ھامىلىنىڭ تەۋرىگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئېھتىمال 17 ~ 18 ھەپتە ئىچىدە يۈز بېرىدۇ، شۇڭا 22 ھەپتە توشقاندا (بەش ئاي، يەنە تۆت كۈن) بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنى ئالدىن ھېسابلىغىلى بولىدۇ. ھامىلىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى ھېس قىلىشتا، كۆپىنچە ھاللاردا ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ھېسابلىغاندا ئانچە توغرا چىقمايدۇ