UyghurWiki›نەمە›توققۇز ئايلىقتىن ئون ئايلىقچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىدە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ؟
توققۇز ئايلىقتىن ئون ئايلىقچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىدە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئون - توققۇز ئايلىق بولغان بالىلار ئەپچىللىك بىلەن ئۆملىيەلەيدۇ ھەم شۇنداقلا بەزىدە نەرسىلەرگە تايىنىپ ئۆرە تۇرالايدۇ. قولىنىڭ ھەرىكىتىمۇ بارغانسېرى چاققانلىشىدۇ. قەغەزنى يىرتىپ، ئېغىزىغا تىقالايدۇ. ئويۇنچۇقنى بىر قولدىن يەنە بىر قولىغا يۆتكىيەلەيدۇ، قولى بىلەن جوزىنى ئۇرالايدۇ، يەنە بارماقلىرى بىلەن جوزىدىكى نەرسىلەرنى كۆرسىتەلەيدۇ. مەسىلەن: تاماق پارچىلىرى، كىچىك قوشۇق قاتارلىقلار. تىل جەھەتتە: ئاستا - ئاستا تىلنىڭ چوڭلار بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى قورال ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندا، <ھە> دېگەچ بېشىنى بۇرايدۇ. ئۇنىڭغا خوش دېگەندە، قولنى پۇلاڭلىتىدۇ ياكى بېشىنى لىڭشىتىدۇ. سۆز - ئىبارىلەر بالىلارغا نىسبەتەن ئىنتوناتسىيە جەھەتتە غىدىقلىنىش پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى سۆز - ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ ھەم شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنى چۈشىنەلەيدۇ