UyghurWiki
UyghurWikiنەمەدۇنيادىكى يەتتە چوڭ قىتئەنىڭ نامى قانداق كەلگەن؟

دۇنيادىكى يەتتە چوڭ قىتئەنىڭ نامى قانداق كەلگەن؟

نېمە ئۈچۈن ھازىر دۇنيادا يەتتە چوڭ قىتئەنىڭ بارلىقى ھەممىگە مەلۇم. بۇ يەتتە چوڭ قىتئەنىڭ نامىنى قەدىمكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇرغان جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن قويغان. قەدىمكى زاماندا، فېنىكىئانلار ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىدىكى جايلارنى ئاسىيا دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ مەنىسى <كۈن چىقىدىغان جاي> دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى قۇياش شەرقتىن كۆتۈرۈلىدۇ، ئاسيا قىتئەسى يەر شارىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولغاچقا، ئۇ ئاسىيا دەپ ئاتالغان. ئوخشاشلا، فېنىكىئانلار ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ غەربىي قىسمىنى ياۋروپا دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ مەنسىى <كۈن پاتىدىغان جاي> دېگەنلىك بولىدۇ. ئافرىقىنىڭ تولۇق نامى ئافرىقا قىتئەسى، ئۇنىڭ لاتىن يېزىقىدىكى مەنىسى <قۇياش نۇرى ئوتتەك قىزىتىدۇ> دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئېكۋاتورغا جايلاشقان. بۇ يەردىكى كۆپىنچە رايونلار ئىسسىق بەلۋاغ رايونى ۋە مۆتىدىل بەلۋاغ رايونى كىلىماتىغا تەۋە. ئامېرىكا قىتئەسى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. دەسلەپتە، كولومبو تۇنجى قېتىم يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنى بايقىغاندا، بۇ يەرنى <ئامېرىكو> دەپ ئاتىغان. كېيىن كىشىلەر بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئامېرىكا قىتئەسى دەپ ئاتاشقان. ئامېرىكا قىتئەسى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى دەپ ئايرىلىدۇ. شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار لاتىن ئامېرىكىسى دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى بۇ يەر ئىلگىرى ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، كىشىلەر لاتىن تىل سىستېمىسىدىكى ئىسپان ۋە پورتۇگال تىللىرىدا سۆزلىشىدۇ. ئوكيانىيە دۇنيادىكى باشقا قىتئەلەردىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى دېڭىز - ئوكيان، ⅦⅩ ئەسىردە كىشىلەر ئۇ يەرنى بايقىغاندا، خاتا ھالدا ئۇ يەرنى يەر شارىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق دەپ قارىغان، شۇڭا ئۇ يەرنى ئاۋسترالىيە (يەنى جەنۇب تەرەپتىكى چوڭ قۇرۇقلۇق دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغان.
← بارلىق تېمىلار نەمە
دۇنيادىكى يەتتە چوڭ قىتئەنىڭ نامى قانداق كەلگەن؟ | UyghurWiki | UyghurWiki