UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتورپېدا، سۇ مىناسى ۋە چۆكمە بومبىلارنىڭ قانداق پەرقى بار؟

تورپېدا، سۇ مىناسى ۋە چۆكمە بومبىلارنىڭ قانداق پەرقى بار؟

نېمە ئۈچۈن تورپېدا، سۇ مىناسى ۋە چۆكمە بومبا دېڭىز ئۇرۇشىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قورال بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش شەكلى ۋە رولى ئوخشاشمايدۇ. تورپېدا بىر خىل ھۇجۇم قورالى بولۇپ، تۇنجى تورپېدا 1868 - يىلى سىناق قىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. تورپېدا ماتور ۋە تىزگىنلەش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، سۇدا ئۆزلىكىدىن ماڭىدۇ، نىشاننى ئىزدەيدۇ ۋە نىشانغا ئەگىشىدۇ. ئۇ سۇ يۈزىدىكى پاراخوتتىن ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىشكە بولىدۇ، ئايروپىلان ئارقىلىق ھاۋادىن قويۇپ بېرىپ، سۇ ئۈستىدىكى پاراخوتلارغا ۋە سۇ ئاستىدىكى پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىشكە بولىدۇ. زامانىۋى تورپېدالارغا يەنە ئۇچۇشقا ياردەم بەرگۈچى راكېتا ئورنىتىلغان بولۇپ، سۈرئىتى تېزلەشتى، ھۇجۇم قىلىش ئارىلىقىمۇ ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بۇنداق تورپىدالار <سۇ ئاستى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد> دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. سۇ مىناسى 1807 - يىلىلا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئاساسەن مۇداپىئە قورالى دائىرىسىگە كىرىدۇ. سۇ مىناسىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مىنالارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاسان بولغىنى بىلەن مىنا تازىلىماق تەس، شۇڭا سۇدا چوڭ تىپتىكى <سۇ مىنا سېپى> ھاسىل قىلىپ، دۈشمەننىڭ سۇ ئۈستىدىكى پاراخوتلىرى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن پاسىپلىق بىلەن مۇداپىئە كۆرۈشكىلا بولىدۇ، بۇ يەنە ئۆز پاراخوتلىرىنىڭ پائالىيىتىنىمۇ چەكلەپ قويىدۇ. چۆكمە بومبا مەخسۇس سۇ ئاستى پاراخوتىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قورال بولۇپ، 1915 - يىلى تۇنجى قېتىم دېڭىز ئارمىيىسىگە سەپلەپ بېرىلگەن. دەسلەپتە چۆكمە بومبا پاراخوتنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدىن سۇغا بىۋاسىتە تاشلىنىدىغان بولۇپ، سۇدا مۇئەييەن چوڭقۇرلۇققا چۆككەندىن كېيىن پارتىلايتتى. چۆكمە بومبىنىڭ پارتلاش ئېنېرگىيىسى سۇدا كۈچلۈك بېسىم ھاسىل قىلىدىغانلىقتىن، نەچچە ئون مېتىر دائىرىدىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئېغىر زەخىملەندۈرەلەيدۇ. ھازىرقى چۆكمە بومبىلارنى پاراخوتتىن ياكى ئايروپىلاندىن قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ، ئۇلار مۇئەييەن ئارىلىققا ئۇچۇپ بارغاندىن كېيىن سۇغا چۆكىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە