ئەمچەك زىيادە تولۇپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئەمچەك زىيادە تولۇپ كەتسە مۇناسىپ بولمىغان ئەمچەك ئىششىقى پەيدا بولغاندەك تۇيغۇنى كەلتۈرىدۇ، بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىشتىكى ئاساسىي سەۋەب تۇغۇتتىن كېيىن بالىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئانا سۈتى بىلەن باقماسلىقتىن سۈت ۋاقتىدا ئاجرىتىلماي، ئەمچەك ئىچىگە قان سۇيۇقلۇقى، بەدەن سۇيۇقلۇقى ۋە سۈت يىغىلىپ، ئانىنىڭ بالا ئېمتىشىگە تەسىر يېتىدۇ. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ توغرا بولغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: ئېمىتىشتىن ئاۋۋال يۇمشاق لۆڭگە بىلەن ئەمچەكنى ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە سۈرتۈپ، ئاندىن ئەمچەكنى ئۇۋۇلاپ، قول بىلەن سۈتنى سىقىپ چىقىرىپ، بالىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى شورىشىغا ياردەم بېرىش. ئەمگۈسى كەلگەندە ئېمىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن مۇۋاپىق بولغان باغىرداقنى كىيىپ، ئەمچەكنىڭ قان ئايلىنىشى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. ئەمچەكنىڭ ئاغرىقى بولمىسا، بالا ئەمگەندە ئانا - بالا چەكسىز خۇشاللىققا چۆمىدۇ.