UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئوزۇقلىنىشى ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار قايسىلار؟

ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار قايسىلار؟

نېمە ئۈچۈن ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپ بار: 1. تۇغما يېتەرسىزلىك. مەسىلەن: ھامىلە يېشىدىن كىچىك بوۋاقلار، يەڭگىل تۇغۇلغان بوۋاقلار، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار، قوشكېزەك قاتارلىقلاردا ئاساسەن دېگۈدەك ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق كېلىپ چىقىدۇ. 2. بېقىش ئامىلى. مەسىلەن: ئانا سۈتى يېتىشمەي، سۈنئىي باققاندا سۈتنى مۇۋاپىق تەڭشىمەي (كالا سۈتى ياكى سۈت پاراشوكىنىڭ قويۇقلۇقى بەك تۆۋەن بولۇش)، ۋاقتىدا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بەرمەي، دانلىق زىرائەتلەر (گۈرۈچ ئۇنى، سۈتلۈك مالتوزا) يېمەكلىكلىرىنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىپ، ئۇزۇن مەزگىل ئاقسىل ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى يېتىشمەسلىك، سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپىتى ناچار ياكى ئۆلچەمگە توشمىغانلىقتىن، بالىلار ئۇزۇن مەزگىل تاماق تاللاش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. 3. كېسەللىك ئامىلى. يەنى تۇغما قېلىنلاش خاراكتېرلىك ئاشقازان چىقىش ئېغىزى تارىيىش، بوۋاق بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش، ئاشقازاننىڭ سۈمۈرۈشى ياخشى بولماسلىق يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، تۇبېركۇليوز، پارازىت قۇرت كېسىلى، ئۇزۇن مەزگىل قىزىش ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلار.
← بارلىق تېمىلار نەمە