UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىدار ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئاپتاپقا كۆپ قاقلىنىش كېرەك؟

ھامىلىدار ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئاپتاپقا كۆپ قاقلىنىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللار كۆپرەك سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە، ئاپتاپقا قاقلىنىش پۇرسىتىمۇ كۆپ. ئاۋۋال، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىۋاسىتە تېرىگە چۈشىدۇ، تېرىدىكى 7 - دېگىدروخولېستېرول ۋىتامىن D غا ئايلىنىدۇ، ۋىتامىن D سۆڭەك ياسايدىغان خام ماتېرىيال - فوسفور ۋە كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەم يۇقىرىدا بايان قىلىغان ماددىلارنىڭ سۆڭەك تەركىبىنى تەشكىللەشتىكى مۇھىم ماددا. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ۋىتامىن D غا بولغان تەلىپى نىسبەتەن يۇقىرى، ئەگەر يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلىيالمىسا ياكى قۇياش نۇرىدىنمۇ تولۇق پايدىلىنالمىسا، بەدەندىكى ۋىتامىن D كېمىيىپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سۆڭىكى بوشاپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدار ئاياللار ئاپتاپقا كۆپ قاقلانسا، ھامىلىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق، بولۇپمۇ ھامىلە يۈرىكى، ئۆپكە ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ھامىلىدار ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئاپتاپقا كۆپ قاقلىنىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki