دېلفىن يول باشلىيالامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئالىملار شەپەرەڭنى ئۇزاق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ گېلىدىن ناھايىتى كۈچلۈك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ خىل ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى جىسىملارغا يولۇققاندا تېز سۈرئەتتە قايتىپ كېلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن شەپەرەڭ ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئالدىدىكى نەرسىنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان ئارلىقىغا ھۆكۈم چىقىرالايدىكەن.
ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئالىملار يەنە دېلفىننىڭ جىسمىدىكى سىرنىمۇ بايقىغان. ئەسلىدە، دېلفىننىڭ جىسمىدىمۇ ئەكس سادا ئارقىلىق ئورۇننى توغرا بەلگىلىيەلەيدىغان بىر يۈرۈش قۇرۇلمىلار بار بولۇپ، شەپەرەڭگە ئوخشاش ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلىيەلەيدىكەن. لېكىن، شەپەرەڭنىڭكىدىن پەرقلىنىدىغىنى شۇكى، دېلفىننىڭ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى گېنېراتورى ئۇنىڭ بېشىدا بولۇپ، ئۇ چىقارغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى نەرسىلەرگە ئۇرۇلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان ئەكس سادا ئۇنىڭ قۇلىقى ۋە باشقا ئەزالىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.
كىشىلەر بۇنىڭغا ئاساسەن، دېلفىننىڭ جىسىمدىكى بۇ خىل ئالاھىدە ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ ئۇنى مەشىق قىلدۇرغان. ياخشى تەربىيىلەنگەن دېلفىن كىشىلەرنىڭ دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن پاراخۇت، سۇ ئاستى كېمىسى قاتارلىقلارنى تېپىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان بولغان. ئۇ تېخى يول باشلىغۇچىمۇ بولالايدۇ. مەسىلەن، ئالايلۇق، بىر قېتىم يېڭى زېلاندىيىدىكى دېڭىز قىرغىقىدا كېتىۋاتقان بىر پاراخوت تۇمان بەك قويۇق بولغاچقا، يوشۇرۇن خادا تاشلار كۆپ يەردە نىشاندىن ئادىشىپ قالغان. بۇ چاغدا پاراخوت خادىملىرى بىر دېلفىننى يول باشلىغىلى سېلىپ، قويۇق تۇماننى بۆسۈپ ئۆتكەن ھەمدە جىددىي ئېقىن ۋە يوشۇرۇن خادا تاشلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، نىشانغا ئوڭۇشلۇق ۋە بىخەتەر يېتىپ بارغان.
دېلفىننىڭ ئەكس سادا ئارقىلىق ئورۇن بېكىتىش سىستېمىسى ئىنتايىن سەزگۈر. ئۇ دېڭىزنىڭ 300 مېتىردىن چوڭقۇر يېرىدە تۇرغان 25 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بېلىقلارنى كۆزىتەلەيدۇ. ئالىملار دېلفىننىڭ بۇ خىل ئالاھىدە ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، سۇ ئاستىنى كۆزىتىدىغان سونار دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئەسۋابنى ياساپ چىققان.