UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ بەدەن تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟

بالىلارنىڭ بەدەن تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالا مېڭىشتىن ئىلگىرىلا تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئاتا - ئانا بالىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، بىردەم يۇقىرىغا، بىردەم تۆۋەنگە، ئوڭغا ياكى سولغا، خۇددى گۈلەڭگۈچ ئۇچۇرغاندەك ئويۇنلارنى ئويناتسا، بالا خۇشاللىق بىلەن بەدەن ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلىدۇ. يەنە بالىنى گىلەمنىڭ بىر تەرىپىدە ئولتۇرغۇزۇپ، ئاتا - ئانا بىلەن بالا ئۇدۇل ئولتۇرۇپ، گىلەمنى تارتىپ، بالىغا <ماشىنا قوزغالدى> دېسىمۇ بولىدۇ. دەسلەپتە مەشىق قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى چوڭلار بالىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، بالىنى قوغدىشى كېرەك. بۇ خىل ئويۇن ئارقىلىق بالىنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بالىلارغا يول مېڭىشنى ئۆگەتكەن ۋاقىتتا، ئاللىقاچان بەدەن تەڭپۇقلۇقى ئىقتىدارى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. پىيادە مېڭىش مەشىقى ئاساسىدا، بالىنى سەكرەش، جايىدا تۇرۇپ سەكرەشكە مەشىق قىلدۇرسا بولىدۇ. يېشىغا تېگىپ سەل چوڭايغاندا يىراقراق يەرگە سەكرەشكە مەشىق قىلدۇرسا بولىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى قول، پۇتلارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىغا موھتاج بولىدۇ ۋە پۈتۈن بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقى كونترول قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە ئىككى پۇتلاپ سەكرەش، بىر پۇتلاپ سەكرەش مەشىقىنى ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى بۇ خىل سەكرەش ھەرىكەتلىرىنى ئويۇنىڭ ئارىسىغا سىڭدۈرۈپ، بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك. تۈز يەردە ماڭالىغاندىن كېيىن بالىنى سەل ئەگرى - توقاي يوللاردا ماڭدۇرسا بولىدۇ. مەسىلەن: ئاتا - ئانا كارىۋات ياپقۇچىنىڭ بىر تەرىپىنى ئېگىز قىلىپ قاتلاپ، بالىنىڭ ئېگىزدىن پەسكە قاراپ مېڭىشىنى مەشىق قىلدۇرسا بولىدۇ. مەشىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاتا - ئانا بالىنىڭ ئىككى قولتۇقىدىن تۇتۇپ مەشىق قىلدۇرۇش. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا - ئاستا قولىنى قويۇۋەتسە، بالا ئۆزىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغان ئاساستا، <قىيالىق> يەردە ماڭالايدۇ. ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن بالىنىڭ رىتىملىق ھالدا ھەرىكەتنى تاماملىشىنى مەشىق قىلدۇرسا بولىدۇ. بالا مۇزىكىغا ئەگىشىپ، ئۇسۇل ئوينىغىلى ئىنتايىن ئامراق كېلىدۇ. ئاتا - ئانا بالىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ياكى قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، بالا بىلەن بىرلىكتە مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسۇل ئوينىسا بولىدۇ. مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ، بالىنىڭ مۈرە، بىلەك، پۇتلىرى ھەرىكەتلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ پۇت - قوللىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى مەشىق قىلدۇرغىلى بولىدۇ. يەنە بالىنىڭ قوللىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق تەڭپۇڭلۇقىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بالىنى ئىككى قولى بىلەن ئىستاكاننى تۇتۇپ ماڭدۇرۇش، بىر تەرەپتىن، بالىغا ئىستاكانغا ئازراق سۇ قۇيۇشقا بۇيرۇش، سۇنى تۆكۈۋەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلىش. يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلا ۋاقىتتا مېڭىش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ. ئەگەر بالا بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى تولۇق تاماملىيالىسا، ھەرىكەتنى بىر ئاز قىيىنلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇ مېڭىۋاتقان يولىدا توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭغا بۇ توسالغۇدىن ئايلىنىپ مېڭىش ئارقىلىق بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارنىڭ بەدەن تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki