UyghurWiki›نەمە›نېمە ئۈچۈن ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سنوئوپېرسكوپ (كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى) بىلەن كېچىدە نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سنوئوپېرسكوپ (كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى) بىلەن كېچىدە نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بىز دائىم كىنولاردا رازۋېدكىچىلار كېچىدە بېشىغا زوند (تەكشۈرۈش ئەسۋابى) كىيىپ دۈشمەن ئەھۋالىنى رازۋېدكا قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىمىز، گەرچە نەق مەيدان قاراڭغۇ بولسىمۇ، رازۋېدكچىلار نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئىشلەتكەن زوند مەخسۇس كېچىدە رازۋېدكا قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سنوئوپېرسكوپ. ئىنفرا قىزىل نۇر كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نۇر، لېكىن ئۇ ئوخشاشلا نۇرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جىسىملار تېرمودىنامىكا نۆل گرادۇسنىڭ يۇقىرىسىدا تۇرسىلا سىرتقا ئىنفرا قىزىل نۇر چىقىرىدۇ. ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سىنوئوپېرسكوپ جىسىملارنىڭ مۇشۇ خاراكتېرىدىن پايدىلىنىپ كېچىدىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىدۇ. ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سنوئوپېرسكوپ ئادەتتە ئاكتىپ ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سنوئوپېرسكوپ ۋە پاسسىپ ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سنوئوپېرسكوپ دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. پاسسىپ ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سنوئوپېرسكوپتا بىر ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق يوللىغۇچى نەيچە بار، ئۇ جىسىملار چقارغان ئىنفرا قىزىل نۇرنى قوبۇل قىلىدۇ، يەنە ئېلېكترلىك يۆتكەش ۋە چوڭايتىش ئارقىلىق نەرسىلەرنى قايتا نامايان قىلىدۇ. ئاكتىپ ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سنوئوپېرسكوپ جىسىملار چىقارغان ئىنفرا قىزىل نۇرنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە ئىنفرا قىزىل نۇر چىقىرىدۇ، ئاندىن جىسىملار قايتۇرغان ئىنفرا قىزىل نۇرنى قوبۇل قىلدىۇ، شۇنىڭ بىلەن كېچىدىكى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، يىراقلارغا تارقىلىدۇ، شۇڭا كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن مۇھىتتا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ھەربىي ئىشلاردا دائىم كېچىدە چارلاش، نىشانغا ئېلىش، زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ نىشانىنى بەلگىلەش شۇنىڭدەك كېچىدە ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋە قونۇشىغا يول باشلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.