ئۆردەكتۇمشۇق تۇخۇم تۇغالامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئۆردەكتۇمشۇق ھازىرقى ھايۋانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. ئۇ قۇشلار بىلەن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى ھايۋان، ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى توشقاندىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، بەدىنى ئورۇق ھەم ياپىلاق، تۇمشۇقى ئۆردەكنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، تۆت پۇتىدا ئۈزۈش پالاقچىسى بولۇپ، سۇ ئۈزۈشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئارقا پۇتلىرىدا زەھەرلىك سۇيۇقلۇق چىقىرىدىغان بىر نەيچىسى بولۇپ، رەقىبلىرىگە ئەنە شۇ زەھەر چىقىرىدىغان نەيچىسى ئارقىلىق زەربە بېرىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە پەقەت ئۆردەكتۇمشۇقتىلا ئۇچرايدۇ.
ئۆردەكتۇمشۇق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغىمۇ، ئۆمىلگۈچى ھايۋانلارغىمۇ، قۇشلارغىمۇ ئوخشاشمايدۇ. چىشى ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ كۆپىيىىپ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۇسۇلى ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ ھەم تۇخۇم تۇغىدۇ، ھەم سۈت ئەمدۈرىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ تۇخۇمىنىڭ پەقەت سېرىقىلا بولۇپ، ئېقى بولمايدۇ. چىشى ئۆردەكتۇمشۇق تۇخۇم تۇغقاندىن كېيىن قۇشلارغا ئوخشاش تۇخۇمنى بېسىپ ياتىدۇ، تەخمىنەن ئون كۈنىدىن كېيىن بالىسى تۇخۇمنى يېرىپ چىقىدۇ.
ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ كۆپىنچىسى جۈپتى بىلەن ياشايدۇ. ئۇلار كۈندۈزى قىرغاقتىكى ئۆڭكۈرلەردە تۈگۈلۈۋېلىپ تازا ئۇخلايدۇ، كەچ كىرگەندە بولسا سۇغا چۈشۈپ كىچىك راك، بۇرمىسىمان قۇلۇلە قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. ئۇ سۇدا يېمەكلىك ئىزىدىگەندە، كۆزى، بۇرنى ۋە قۇلىقىنى چىڭ ئېتىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ياپىلاق ئېغىزىدا ئېلېكتىر رېتسېپتور بار بولۇپ، كىچىك راكلار ئۈزگەن چاغدا بىئولوگىيىلىك ئىمپۇلس پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆردەكتۇمشۇق بۇنى سېزىدۇ - دە، دەرھال بېرىپ كىچىك راكنى تۇتۇۋالىدۇ.
يەنە بىر غەلىتە ئەھۋال شۇكى، يېتىلگەن ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ چىشى بولمايدۇ، لېكىن بالا ئۆردەكتۇمشۇق تۇخۇمدىن چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ تۇخۇمنى چېقىپ چىقىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر «تۇخۇم چىشى» بولىدۇ.