يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكىسىنى قانداققاتلاش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن زاكا قاتلىغاندا، كۆپىنچە ھاللاردا بوۋاق يىغلاپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا ئانا بىخەستەلىك قىلماي تەمكىنلىك بىلەن ھەرىكەتنى يەڭگىل، چاققان قىلىش لازىم. ئاۋۋال ئانا قولىنى يۇيۇپ، زاكىنىڭ ئوڭ ئاستى بۈرجىكىنى سول ئۈستى بۈرجەككە كەلتۈرۈپ ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە قاتلاپ، ئۈچ بۇرجەكنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى ئۈستىگە قىلىپ، سول قول بىلەن بوۋاقنىڭ ئىككى پۇتىنى ئاستا كۆتۈرۈپ، ئوڭ قول بىلەن زاكىنى بوۋاقنىڭ كاسىسىنىڭ ئاستىغا تەكشى كىرگۈزۈپ، ئۈچ بۇرجەك زاكىنىڭ ئاستى قىرىنى بەل ئارىلىقىغا قويىمىز؛ زاكىنىڭ ئاستى بۈرجىكىنى ئىككى پۇت ئارىلىقىدىن چىقىرىپ قاتلاپ بوۋاقنىڭ قورساق قىسمىغا چىقىرىپ ئاندىن بۇ ئۇچىنى بوش بېسىپ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىكى ئۇچىنى قاتلاپ ئوتتۇرىدىكى ئۇچىنىڭ ئۈستىنى ياپىمىز، يەنە بىر تەرەپتىكى ئۇچىنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا قاتلايمىز. ئەڭ ئاخىرىدا زاكىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ناھايىتى تەبىئىي ھالدا بىر <ئۈچ بۇرجەك> ئىچ كىيىمىنى شەكىللەندۈرىمىز. ئاندىن كىيىمىنى تۈزەپ، ياخشى ئورايمىز. دىققەت، زاكىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىلغۇچ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئاۋۋال زاكىنىڭ ئۇچىغا لاتا يىپنى تىكىۋېلىپ، مۇقىملاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدە زاكا كىندىكىنى ئېتىۋالماسلىقى، كىندىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.