ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىنالار راستتىنلا <ئىدراك> قا ئىگىمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھازىر، كۆپلىگەن چوڭ شەھەرلەردە <ئەقلىي ئىقتىدارلىق> بىنالار سېلىنماقتا. ئۇ ھەر خىل ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان زامانىۋى بىنا بولۇپ، گويا ئىدراكقا ئىگىدەك كىشىلەرنىڭ بىنانى باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، بىنادا تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن تېز ھەم ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ.
<ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىنا> لار باشقۇرۇش، ئىش بېجىرىش، ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردە <ئاپتوماتلاشقان> بولغاچقا، <ئىدراكقا ئىگە> دەيمىز. مەسىلەن، بىنانى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى زامانىۋى ئېلېكترون تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، بىنا ئىچىدىكى تۈرلۈك ئەسلىھەلەر، مەسىلەن، توك، سۇ بىلەن تەمىنلەش، ھاۋا تەڭشەش، لىفت ۋە ئۆت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىنانىڭ مۇھىتىنى ئازادە، بىخەتەر، قۇلايلىق قىلىدۇ؛ ئىشخانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى تۈرلۈك يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشخانا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يىغىن زالى، كۆڭۈل ئېچىش زالى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنى باشقۇرالايدۇ؛ ئالاقىلىشىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى تېلېۋىزور، تېلېفون، فاكس، سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى بىنا ئىچى ۋە سىرتىغا ئۇچۇر يوللاشقا مەسئۇل بولىدۇ.
<ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىنا> لاردىكى بىنانى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى، ئىشخانىنى اپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئالاقىلىشىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ 3A دەپ ئاتىلىدۇ. 3A دىن باشقا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئامانلىق ساقلاشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىلىرىمۇ بار. بۇ ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىلىرى كومپيۇتېرى تورى ئارقىلىق بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، كونترول مەركىزى باشقۇرىدۇ ۋە قوماندانلىق قىلىدۇ.