UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاق كېسەل بولغاننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدەقانداق ئالامەتلەر بار؟

بوۋاق كېسەل بولغاننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدەقانداق ئالامەتلەر بار؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاق كېسەل بولغاننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھەممىسىدىلا بىر قىسىم غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئاتا - ئانا ۋاقتىدا بايقىيالىسا ئىمكانقەدەر بالدۇر داۋالىتىپ، ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيدۇ. بوۋاقلار كېسەل بولۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىپادىلىرى: 1. چىرايى ياكى روھىي كەيپىياتى غەيرىيىلىشىش. ساغلام بوۋاقلارنىڭ مەڭزى قىزىل، كۆزى نۇرلۇق، ئىنكاسى ئۆتكۈر، كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇپ، ئەگەر بوۋاق ئاغرىپ قالسا چىرايى تاتىرىش، كۆكىرىش ياكى قارىداش، روھىي چۈشكۈن ياكى تىت - تىت بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؛ 2. يىغا ئاۋازى چىرقىراق بولۇش. نورمال بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازى كۈچلۈك بولۇپ، ئېھتىياجى قاندۇرۇلغاندىن كېيىن توختاپ قالىدۇ. ئەكسىچە كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئادەتتە بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى قۇلاقنى يارغۇدەك چىرقىراق بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە پۇت، قولنى قالايمىقان ھەرىكەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ 3. بەدەن تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇش. بوۋاقنىڭ نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37℃~36℃ بولۇپ، ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.5℃ دىن يۇقىرى ھالەتتە داۋاملاشسا، دەل مەلۇم كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بېشارىتىدۇر؛ 4. ئېمىش ھەرىكىتى كۈچسىز بولۇش ياكى قۇسۇپ توختىماسلىق. ئەگەر بوۋاقنىڭ ئېمىش ھەرىكىتى كۈچىسىز، روھىي چۈشكۈن، ئىشتىھاسى ئۈستۈن بولمىسىلا مەلۇم كېسەل بىلەن كېسەللەنگەنلىك ئېھتىماللىقى بولىدۇ ياكى ئۈزلۈكسىز قۇسۇش بىلەن قۇسقان نەرسىلەردە غەيرىي پۇراق بولسىمۇ كېسەل بولغانلىقىنىڭ سىگنالدۇر. 5. چوڭ تەرىتى غەيرىي بولۇش. ئەگەر بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىنىڭ ھالىتىنى ئادەتتىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا چوڭراق ئۆزگىرىش يەنى سۇيۇق، قېتىم سانى كۆپ قاتارلىقلار بولسا ئىچ سۈرگەنلىكنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن
← بارلىق تېمىلار نەمە
بوۋاق كېسەل بولغاننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدەقانداق ئالامەتلەر بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki