UyghurWiki
UyghurWikiنەمەمېۋە - چېۋە كۆكتاتنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟

مېۋە - چېۋە كۆكتاتنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزى بالىلار كۆكتات يېمىگەچكە، ئاتا - ئانىلار بالىلارغا مېۋە - چېۋىنى كۆپرەك بېرىپ، كۆكتات ئارقىلىق تولۇقلانمىغان ئوزۇقلۇقنى مېۋە - چېۋە ئارقىلىق تولۇقلىماقچى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە مېۋە - چېۋە كۆكتاتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، كۆكتاتنىڭ تەركىبىدىكى ئانئورگانىك تۇز ۋە ۋىتامىن مىقدارى مېۋە - چېۋىدىن كۆپ. مەسىلەن: كىشىلەر دائىم بانان، ئالما ۋە نەشپۈتنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا، كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى تالالىق ۋىتامىنلار مېۋىلەرگە قارىغاندا كۆپ، تالالىق ۋىتامىنلار ئاشقازان ۋە ئۈچەي ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئۈچەي يولىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈشىگە پايدىلىق. يەنە كۆكتات تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارىدا شېكەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن تۈرلۈك ئېنزىملارنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. سۇ شېكەرنى پارچىلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئاستا - ئاستا سۈمۈرۈلگەچكە، قاندىكى شېكەرنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى يۇقىرىلىتالمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
مېۋە - چېۋە كۆكتاتنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki