نېمە ئۈچۈن مىكروسكوپ بىلەن ئۇششاق جىسىملارنى كۆزەتكىى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
مىكروسكوپ بىئولوگىيە تەجرىبىخانىلىرىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئوپتىكىلىق ئەسۋاب، ئۇ بىزنىڭ باكتېرىيە ھۈجەيرىلىرى ئەۋرىشكىلىرىنى كۆزىتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
مىكروسكوپ ئاساسلىقى ئىككى گۇرۇپپا كۆپۈنكى لىنزىدىن تەركىب تاپىدۇ. كۆپۈنكى لىنزا ئادەتتە ناھايىتى سۈزۈك ئەينەكتىن غىردىلىپ ياسىلىدۇ، ئوتتۇرىسى قېلىن، چۆرىسى نېپىز بولىدۇ. بىر گۇرۇپپا تەكشى نۇر تىك چۈشۈپ كۆپۈنكى لىنزىدىن ئۆتكەندە، بىر نۇقتىغا يىغىلىدۇ، بۇ نۇقتا فوكۇس بولىدۇ، ئەگەر جىسىمنى كۆپۈنكى لىنزىنىڭ فوكۇس ئارىلىقى (فوكۇس بىلەن ئەينەكنىڭ تىك ئارىلىقى) غا قويساق، كۆپۈنكى لىنزىنىڭ نۇر يىغىش رولىنىڭ تەسىرىدەبىز چوڭايتىلغان مەۋھۇم سېيمانى (سىن) كۆرىمىز. ياشانغانلار كىتاب ئوقۇغاندا ئىشلىتىدىغان لوپا ئەينەك مۇشۇ قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىلغان. ئەگەر جىسىم فوكۇسنىڭ سىرتىغا يېقىن قويۇلسا چوڭايتىلغان نەقسېيما شەكىللىندۇ.
مىكروسكوپتىكى جىسىمغا يېقىن بىر گۇرۇپپا كۆپۈنكى لىنزا ئوبيېكتىپ دېيىلىدۇ، كۆزگە يېقىن بىر گۇرۇپپىسى ئوكۇليار دېيىلىدۇ، ئوبيېكتىپنىڭ فوكۇس ئارىلىقى ئوكۇليارنىڭ فوكۇس ئارىلىقىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىنى تەڭشەش ئارقىلىق كۆزەتمەكچى بولغان جىسىمنى ئوبيېكتىپ فوكۇسنىڭ سىرتىغا يېقىن قويغاندا، جىسىم ئوبيېكتىپ ئارقىلىق چوڭايتىلغان نەق سېيما شەكىللىندۇ. بۇ نەق سېيما دەل ئوكۇليارنىڭ فوكۇسى ئىچىدە بولىدۇ، ئاندىن ئوكۇليارنىڭ چوڭايتىش رولىنىڭ تەسىرىدە تېخىمۇ چوڭ مەۋھۇم سېيما شەكىللىنىدۇ. ئەسلىدە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان جىسىمنى ئوبيېكتىپ ۋە ئوكۇليارنىڭ ئىككى قېتىم چوڭايتىشى بىلەن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.