UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقانداق ۋاقىتتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكىسىئالماشتۇرۇلىدۇ؟

قانداق ۋاقىتتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكىسىئالماشتۇرۇلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئىلمىي ئۇسۇل بويىچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھەر قېتىملىق چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن زاكىنى ئالماشتۇرۇش ھەمدە ھەر كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئەتىگەندە ئويغانغاندا شۇنداقلا ھەر قېتىم يۇغاندىن كېيىن زاكىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك. مەيلى زاكا ھۆل ياكى كىر بولمىغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى ئىنتايىن يۇمران بولۇپ، دائىم ھۆل تۇرسا ئاسانلا <كاسا قىزىرىش> كېلىپ چىقىپلا قالماي يەنە ئىككىلەمچى تېرە يۇقۇملىنىشنى ھەتتا سېپتىتسېمىيە، بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرغاندا، ئانىنىڭ بوۋاق بىلەن تېگىشىش پۇرسىتى كۆپىيىدۇ، بۇ خىل تېگىشىش بوۋاقلارغا نىسبەتەن بىر ياخشى تەسىر بولۇپ، بوۋاقتا بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. داۋاملىق تېگىشىش ئارقىلىق ئانا بىلەن بوۋاقنىڭ ئالاقىلىشىشنى روشەن ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. پەقەت تېرىنىڭ ئۇچرىشىشىلا ئەمەس، يەنە ئاۋاز، كۆز نۇرى ئالماشتۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىدراكىنىڭ يېتىلىشىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
قانداق ۋاقىتتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكىسىئالماشتۇرۇلىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki