بالىلار يۆتەل بولۇپ قالغاندا دوختۇرغا كۆرسىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلارنىڭ يۆتەل بولۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، دوختۇرغا كۆرسەتكەندە، يۆتەلنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان بۆلۈملەرگە كۆرسەتكەندە <كېسەلگە قاراپ دورا ئېلىش> مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل ئەھۋال ۋە ئۇسۇل بار:
1. ئەگەر يۆتەل جىددىي خاراكتېرلىك بولسا، بۇنىڭ ئىپادىسى: كالتە - كالتە يۆتەل ھەم بەدىنى قىزىپ، دىمىغى پۈتۈپ، ماڭقىسى كۆپ چىقىدۇ. بەلغەم كۆپ كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا نەپەس يولى يۇقۇملانغان ياكى ئۆپكە يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، نەپەس يوللىرى بۆلۈمىگە كۆرۈنۈش كېرەك.
2. ئەگەر يۆتەل جىددىي خاراكتېرلىك يۆتەل بولۇپ، يۆتەلگەندە ئاۋاز بوش چىقسا ھەم كېچىدە كۆپرەك يۆتەلسە، نەپەس قىيىنلاشسا، بالىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، قۇلاق، بۇرۇن، كاناي بۆلۈمى ياكى جىددىي داۋالاش بۆلۈمىگە كۆرسىتىش كېرەك.
3. ئەگەر يۆتەل جىددىي خاراكتېرلىك يۆتەل بولۇپ، يۆتەلگەندە نەپەس قىيىنلىشىپ كەتسە، نەپەس يوللىرى بۆلۈمىگە كۆرسىتىش كېرەك.
4. ئەگەر يۆتەل جىددىي خاراكتېرلىك بولۇپ، تاماق يەۋاتقاندا ياكى يىغلىغاندىن كېيىن يۆتىلىپ كەتسە، نەپەس يولىغا ياكى كانايغا بىرەر نەرسە كىرىپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، دەرھال قۇلاق، بۇرۇن، كاناي بۆلۈمىگە كۆرسىتىش كېرەك.
5. ئەگەر يۆتەلگەن ۋاقىت بىر ئاز ئۇزۇن ھەم توختىماستىن تەكرارلانسا شۇنداقلا قىزىپ، ئىشتىھاسى ناچارلىشىپ، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئۆپكە تۇبېركۇلوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئۆپكە تۇبېركۇلوزىنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىدە داۋالىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بوۋاقلىق مەزگىلىدە بالىلاردا تارتىشىپ قېلىش تۈپەيلىدىن يۆتەل پەيدا بولسا، كۈندۈزى يېنىك دەرىجىدە، كېچىسى ئېغىر دەرىجىدە يۆتەلسە، قاتتىق يۆتەلگەندىن كېيىن چىرايلىرى كۆكىرىپ كەتسە، دەرھال يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كۆرسىتىش كېرەك.