بالىلار قانداق قىلغاندا ياغنى مۇۋاپىق تولۇقلىغان بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلار ياغ تولۇقلىغاندا، كۆپىنچە سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئارقىلىق تولۇقلىسا بولىدۇ. مەسىلەن: يېڭى كالا سۈتى، سۈت پاراشوكى، پىشلاق قاتارلىقلاردا ياغ مىقدارى كۆپ بولىدۇ. يەنە ئاز مىقداردىكى ئۆسۈملۈك يېغىنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىقمۇ ياغ تولۇقلاشقا بولىدۇ. بالىلارغا گۆش بەرگەندە چوقۇم ئورۇق گۆشنى بېرىش، سېمىز گۆش بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئاجىز بولۇپ، سېمىز گۆش بىر ئاز تەستە ھەزىم بولىدۇ. بالىلارنىڭ ياغنى تولۇق قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار تاتلىقياڭيۇغا بەك ئامراق بولىدۇ، گەرچە ئۇنىڭ تەركىبىدە ناھايىتى مول ياغ بولسىمۇ، بىراق باشقا جەھەتتىكى ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ئەمەس. شۇڭا بۇ خىل تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئوڭايلىقچە بەرمەسلىك كېرەك.