نېمە ئۈچۈن تۇرنىلار دائىم <人> شەكلىدە سەپ بولۇپ ئۇچىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تۇرنىلارنىڭ يۇرتى سىبىرىيدە، ھەر يىلى قىش، كۈز پەسلىدە، ئۇلار توپ - توپ بولۇشۇپ جەنۇبقا قاراپ ئۇچىدۇ، بەزىلىرى ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ تەرەپلەردىكى دېڭىز بويلىرىغا بارىدۇ، بەزىلىرى بولسا يۈننەن ھەتتا تېخىمۇ جەنۇب تەرەپتىكى بىرمىغا بېرىپ قىشلايدۇ. ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا، ئۇلار يەنە ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي سىبىرىيىگە قايتىپ كېلىپ تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ. ئۇلار ئۇچۇپ ماڭىدىغان مۇساپە ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، سائىتىگە 80 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۇچسىمۇ، بارىدىغان نىشانىغا ئۇچۇپ بېرىش ئۈچۈن بىر - ئىككى ئاي ۋاقىت كېتىدۇ.
تۇرنىلار ئۇزۇن سەپەرگە چىققاندا دائىم < 人> شەكلىدە سەپ ھاسىل قىلدۇ، بۇنىڭدا خېلىلا كۆپ كۈچىنى تېجەپ قالىدۇ. تۇرنىلار ئۇچقاندا، قانىتىنى لەپەڭلەتكەندىن باشقا، يەنە ئۈستىگە كۆتۈرۈلگەن ھاۋا ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ لەيلەپ پەسلەپ ئۇچۇشىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، سەپنىڭ ئالدىدىكى تۇرنا قانىتىنى قېقىپ ھاۋانىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەن ئاجىز ئېقىمىنى پەيدا قىلغاندا، كەينىدىكى ھەمراھلىرى مۇشۇ ھاۋا ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ پەسلەپ لەيلەپ ئۇچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان تۇرنىلار توپى بىر - بىرىگە ئەگىشىپ، تەبىئىي ھالدا < 人> ياكى <-> شەكلىدە سەپ ھاسى قىلىدۇ.
تۇرنىلارنىڭ سەپ بولۇپ ئۇچۇشىمۇ بىر خىل كوللېكتىپچانلىقنىڭ ئىپادىسى، بۇ دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ھەر بىر تۇرنىلار توپىغا تەجرىبىسى مول پېشقەدەم تۇرنا باشلامچى بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا ئۇچىدۇ، بالا تۇرنىلار بولسا سەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇلار ئاسانلىقچە سەپتىن چۈشۈپ قالمايدۇ. ئەگەر بىرەر تۇرنا ئۆزى يالغۇز ئۇزۇن سەپەرگە چىقسا، ئاسانلا دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.