UyghurWiki
UyghurWikiنەمەمېڭە پارالىچىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

مېڭە پارالىچىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ھەرقانداق سەۋەب بىلەن پەيدا بولغان مېڭە پارالىچ كېسىلىنى تەبىئىي ھالدا ساقايتىش ئۇسۇلى يوق، چوقۇم ئۇزۇن مۇددەت داۋالىنىش ئارقىلىقلا ئاندىن پالەچلىك دەرىجىسىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. مېڭە پارالىچ كېسىلىنى داۋالاشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: 1. بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش كېرەك. بوۋاق ۋە بالىلارنىڭ ھەرىكىتى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا، بالىلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ نورمالسىزلىقىنى بالدۇر بايقاش ھەم ئىمكانقەدەر بالدۇر تۈزەتكەندە، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. 2. ھەرقايسى ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك، بالىلارنىڭ ھەرىكەت يېتىلىشىنىڭ تەرتىپىگە ئاساسەن، تەرتىپلىك ۋە ئاستا - ئاستا ھالدا ئىقتىدارلارنى مەشىق قىلدۇرۇپ، نورمال ھەرىكەت پائالىيىتىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا بىنورمال بولغان ھەرىكەت ۋە قىياپەتنى كونترول قىلىپ، بالىلاردا توغرا ھەرىكەت قىياپىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. 3. ئۇنىۋېرسال داۋالاش. خىلمۇخىل پايدىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ داۋالىسا بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇۋۇلاش، سۇ بىلەن داۋالاش، توك بىلەن داۋالاش قاتارلىقلار ئارقىلىق بىمارنى ئەتراپلىق ۋە خىلمۇخىل ئۇسۇلدا داۋالاش كېرەك. 4. ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق داۋالاش. تارتىشىپ قېلىش تىپىدىكى مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارغا قارىتا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. بىراق، ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
مېڭە پارالىچىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki