بوۋاقلارغا كالتسىي قانداق تولۇقلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقلارغا كالتسىي تولۇقلاش تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ:
1. ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ھەمدە كالا سۈتىنى كۆپ بېرىش. تۆت ~ ئالتە ئايلىق ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئاساسەن ئانا سۈتىدىن كېلىدۇ. ئەگەر ئانىنىڭ يېمەكلىكىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولسا، ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتى ياخشى ھېسابلىنىپ، يېرىم ياشلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كالتسىيغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. شۇڭا بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار چوقۇم ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى، تەركىبىدە كالتسىي ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەر يەنى سۈت مەھسۇلاتلىرى، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، بېلىق، راك قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك. كالا سۈتىمۇ كالتسىينىڭ ياخشى بولغان كېلىش مەنبەسى شۇنداقلا كالا سۈتىدىكى كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى ئانا سۈتىدىن باشقا يېمەكلىكلەردىن يۇقىرى، شۇڭا بوۋاقلارغا بولۇپمۇ ئەمچەكتىن ئايرىلغان بوۋاقلارغا كالا سۈتىنى كۆپرەك بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
2. تەركىبىدە كالتسىي كۆپرەك بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش. بوۋاقلارغا تۆت ~ ئالتە ئايلىقتىن كېيىن قوشۇمچە يېمەكلىك مەسىلەن: يېڭى كۆكتات بوتقىسى، بېلىق قىيمىسى ھەمدە پۇرچاق سۈتى قاتارلىقلارنى بېرىش ئارقىلىق كالتسىي ماددىسىنى تولۇقلاشقا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، قوشۇمچە يېمەكلىك تەييارلاشتا كۆكتات تەركىبىدىكى ئوكسالىك كىسلاتا ئاسانلا كالتسىي بىلەن بىرىكىپ كالتسىي ئوكسالات ھاسىل قىلىپ، بوۋاقنىڭ كالتسىي سۈمۈرۈشىگە پايدىسىز ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا تەركىبىدە ئوكسالىك كىسلاتا بولغان كۆكتاتنى مەسىلەن: پالەكنى ئاۋۋال قايناق سۇغا بېسىپ ئوكسالىك كىسلاتانى چىقىرىۋېتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت شورپا قايناتقاندا ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسە كالتسىينىڭ ئېرىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
3. كالتسىي تولۇقلايدىغان نەرسىلەرنى يېگۈزۈش. كالتسىي تولۇقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە ئېھتىياتچان بولۇش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.