دوختۇر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يېتىلىش دەرىجىسىنى قانداق مۆلچەرلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن، ھامىلىنىڭ يېتىلىش دەرىجىسى بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇرمۇش ئىقتىدارى ئوتتۇرىسىدا زىچ باغلىنىش بار. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يېتىلىش دەرىجىسى بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
1. تېرىنىڭ سۈزۈكلۈكى. گەۋدە تېرىسى، بولۇپمۇ كىندىك ئۈستۈنكى قىسمىدىكى قورساق تېرىسىنىڭ سۈزۈكلۈكى. يېتىلمىگەنلەرنىڭ خىلمۇخىل چوڭ - كىچىك بولغان ئىنچىكە قان تومۇرلىرى كۆرۈنىدۇ، مەسىلەن، تېرىنىڭ كېپەك بولۇشى، يېرىلىشى، ھەتتا <تېرە قەغەز> شەكلىدە بولۇش. قان تومۇرلىرىنىڭ ئاز - تولا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار يېتىلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.
2. چاچ. يېتىلمىگەنلەرنىڭ چېچى پاختىغا ئوخشاش ياكى قوي يۇڭىغا ئوخشاش چىگىشىۋالىدۇ، يېتىلگەنلەرنىڭ چېچى پارقىراق، قارا بولىدۇ.
3. قۇلاقنىڭ كۆمۈرچىكى. يېتىلمىگەنلەرنىڭ قۇلاق كۆمۈرچىكىنىڭ ئېلاستىكلىقى يوق، خالىغانچە ئېچىپ، قاتلىغىلى بولىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى تەس.
4. ئەمچەك. ئېيىغا توشۇپ تۇغۇلغانلارنىڭ ئەمچىكىنى سىيلاپ، دىئامېتىرىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ، ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئەتراپىدا ئوچۇق چېگرا بولىدۇ. يېتىلمىگەنلەرنىڭ ئەمچەك تۈگۈنچىلىرىنى سىيلىغىلى بولمايدۇ، ئەمچەك توپچىسى ئوچۇق بولمايدۇ.
5. تىرناق. تىرناقنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى بىلەن ھامىلە يېشى ئوڭ تاناسىپ، يېتىلگەنلەرنىڭ تىرنىقى بارماق ئۇچىدىن ئۇزۇن بولۇپ، تىرناقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سىزىقچىلار ئوچۇق بولىدۇ، يېتىلمىگەنلەرنىڭ ئۇنداق بولمايدۇ.
6. پۇتنىڭ ئاستىدىكى تېرە سىزىقچىلىرى. ئاساسلىقى پۇتنىڭ ئاستىدىكى نىسبەتەن يىرىك بولغان تېرە سىزىقچىلىرى كۆزىتىلىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغانلارنىڭ پۇت باش بارمىقىدا بىر - ئىككى تال سىزىق بولىدۇ، تاپان پارقىراق بولىدۇ، ھامىلىنىڭ يېتىشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تاپاندىكى تېرە سىزىقچىلىرىمۇ كۆپىيىدۇ، ھامىلە يېشى 36 ھەپتە بولۇپ تۇغۇلغانلارنىڭ پۇتى ئاستىنىڭ 3 2/قىسمىدا سىزىقچىلار بولىدۇ. 04 ھەپتە بولۇپ تۇغۇلغانلارنىڭ پۈتۈنلەي قورۇق بىلەن تولغان بولىدۇ، يۇقىرىقى نۇقتىلار پايدىلىنىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار.