قانداق قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى توغراقۇچاقلىغىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قۇچاقلاش جەريانىدىمۇ ئوخشاشلا باشتىن - ئاخىر بوۋاقنىڭ بېشىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدە، بوۋاقنىڭ بەدىنى بىر ئاز يۇمشاق بولغانلىقتىن تۆۋەندىكى ئىككى خىل بىر ئاز بىخەتەررەك قۇچاقلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بىرىنچىسى ياتقۇزۇپ قۇچاقلاش ئۇسۇل بولۇپ، ئاساسلىقى بوۋاقنىڭ بېشىنى سول بىلەك ئەگمىسىگە ئاستا قويۇپ، سول قول ئالدى بىلەك بىلەن بوۋاقنىڭ باش گەۋدە قىسمىنى، ئوڭ قول بىلەن بوۋاقنىڭ كاسىسى بىلەن بېلىنى قوغداپ ئاندىن بوۋاقنى سول مەيدىگە چىقىرىپ قۇچاقلايمىز. ئىككىنچى خىلى، تىك قۇچاقلاش ئۇسۇل بولۇپ، ئاساسلىقى سول قول بىلەن بوۋاقنىڭ باش - بويۇن قىسمىنى تىرەپ، بېشىنى ئانىنىڭ سول مۈرىسىگە قويىمىز، ئوڭ قول بىلەن بوۋاقنىڭ كاسىسى بىلەن بېلىنى تىرەپ، تىك ھالدا ئانىنىڭ سول مەيدىسىگە چىقىرىپ كۆتۈرىمىز. بوۋاق ئېمىپ بولغاندىن كېيىن قۇسۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىمىز.