UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن رىزوفرا ئورمىنى دېڭىز ساھىلىدا يىلتىز تارتىپ ئۆسەلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن رىزوفرا ئورمىنى دېڭىز ساھىلىدا يىلتىز تارتىپ ئۆسەلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن دېڭىز ياقىسىدىكى تېيىز دېڭىز ساھىللىرىدا، بوران ۋە دولقۇن كۈچلۈك، دېڭىز سۈيى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇرغاچقا، ئۇ جايدا ئادەتتىكى دەرەخلەر ئۆسەلمەيدۇ. لېكىن ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو رايونىنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى تېيىز دېڭىز ساھىللىرىدا تۇتاش كەتكەن قويۇق رىزوفورا ئورمىنى بار. ئۇلارنىڭ بۈك - باراقسان شاخ - يوپۇرماقلىرى پايانسىز كەتكەن ئورمانزالىقنى شەكىللەندۈرگەن. رىزوفورا ئورمىنى دېڭىز ساھىلىدا مەزمۇت ئۆسۈشتە تىرەك يىلتىزلىرىغا تايىنىدۇ. رىزوفورا دەرىخىنىڭ تەرەققىي قىلغان يىلتىز سىستېمىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە غولىنىڭ ئەتراپىدىن نۇرغۇن ياسىمان تىرەك يىلتىزلار ئۆسۈپ چىقىپ، بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ، خۇددى قاتار - قاتار تۈۋرۈكلەردەك دەرەخ غولىنى تىرەپ تۇرىدۇ. بۇ خىل دەرەخنىڭ يىلتىزىدا ئالاھىدە بىر خىل ھاۋا ئۆتكۈزىدىغان توقۇلمىلار بولۇپ، نەپەسلىنىش رولىنى ئوينىيالايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، رىزوفورا ئورمىنى شىددەتلىك بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ياكى دېڭىز سۈيىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل بېسىۋېلىشىغا ئۇچرىسىمۇ، يىقىلىپ چۈشمەي ھەمچىرىپ كەتمەي، يەنىلا تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ. رىزفورا دەرىخى تىرىك تۇغىدىغان ئۆسۈملۈك تۈرىگە كىرىدۇ، بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ دېڭىز ساھىللىرىدا كۆپىيىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرگەن. ھەر يىلى ئەتىياز، كۈز پەسىللىرىدە، رىزوفورا دەرىخى ناھايىتى كۆپ مېۋىلەپ، خۇددى كالتەككە ئوخشاش شاخلاردىن تۆۋەنگە ساڭگىلاپ چۈشىدۇ. لېكىن مېۋىسى ئىچىدىكى تۆرەلمە تۈگۈنى خۇددى ھامىلىگە ئوخشاش مېۋە ئىچىدە بارا - بارا يېتىلىپ مايسىغا ئايلىنىدۇ. مايسىنىڭ يۇمران بىخى مېۋىنى تېشىپ چىقىپ چوڭىيىپ 30 سانتىمېتىرچە كەلگەندە، ئۈستى تەرىپى توم، ئاستى تەرىپى ئىنچىكە كەلگەن كىچىك كۆچەتلەرگە ئايلىنىپ، خۇددى بومبىغا ئوخشاش دېڭىز ساھىلىغا چۈشۈپ لايغا پاتىدۇ، ئاندىن قىسقىغىنا بىر قانچە سائەت ئىچىدە يىلتىزلايدۇ. ئەگەر كۆچەتلەر لايغا پېتىپ كىرەلمىسە، دېڭىز سۈيىنىڭ بىر قانچە كۈن لەيلىتىپ ئېقىتىشى بىلەن دېڭىز ساھىلىغا چىقىدۇ - دە، يەنىلا يىلتىزلاپ ئۆسۈۋېرىدۇ. دېڭىز ساھىلىدا، قويۇق رىزوفورا ئورمىنى شىددەتلىك بوران، دېڭىز دولقۇنى ۋە دېڭىز تاشقىنىنىڭ قىرغاققا ئۇرۇلۇشىنى توسىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى <دېڭىز قىرغىقىنىڭ قوغداش ئىلاھى> دەپ ئاتىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە