بوۋاقنى ئۇۋۇلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشكېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقنى ئۇۋۇلاشتا تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. بوۋاقنى ئۇۋۇلاشنى ئېمىتىپ 1 ~ 5.1 سائەتتىن كېيىن ياكى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىش، ئەمدىلا ئېمىپ بولغاندا ياكى ئاچ قورساق ۋاقتىدا ئۇۋۇلاش مۇۋاپىق ئەمەس.
2. ئۇۋۇلىغاندا ئانىنىڭ بارماقلىرى ئەڭ ياخشىسى بوۋاقنىڭ تېرىسى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش، شۇنىڭ بىلەن ئىسسىقلىق ساقلاش، بوۋاققا سوغۇق تېگىپ قېلىپ گۇڭ كۆتۈرمەيدىغان ئىشنى قىلماسلىق.
3. ئۇۋۇلىغاندا بارا - بارا ئىچىكرىلەپ كىرىش. باشلىنىشتا بەدەننىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى ئۇۋۇلاش، بوۋاق كۆنگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇۋۇلاش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش ۋە ۋاقىتنى ئۇزارتىش.
4. بوۋاق ئاغرىپ قالغاندا ئۇۋۇلاشقا بولمايدۇ. بوۋاق يىغلىسا ئۇۋۇلاشنى دەرھال توختىتىش.
5. ئۇۋۇلاۋاتقاندا ئارقا كۆرۈنۈش مۇزىكىسى قويۇپ بەرسە، بوۋاقنىڭ ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە بوۋا ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ پايدىلىق. ئۇنىڭدىن سىرت، ئانا كۆزى ۋە گەپ - سۆزى ئارقىلىق بوۋاق بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ، ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.