UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى جىنسىي تۇرمۇشتاتۇغۇتتىن ساقلىنىش كېرەكمۇ - يوق؟

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى جىنسىي تۇرمۇشتاتۇغۇتتىن ساقلىنىش كېرەكمۇ - يوق؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ قالغاندىن كېيىن جىنسىي ئالاقە ئېلىپ بارسا يەنە بويىدا قېلىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. كۆپلىگەن مېدىتسىنا تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار ھامىلىدارلىق ئىچىدە جىنسىي ئىنتىلىش ۋە جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئىپادىلىنىشى ئۆزگىرىشچان بولىدىكەن. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇشئازلايدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە كۆپىيىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە (كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە) جىنسىي تۇرمۇش ئازىيىدۇ، ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ۋە كېيىنكى مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە ئازىيىدۇ ياكى جىنسىي ئالاقە ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى جىنسىي ئالاقە ئېلىپ بارغاندا، بالىياتقۇ بوينى تارتىشىدۇ، تارتىشىدىغان ۋاقتى بەزىدە بىر مىنۇتقىچە بولىدۇ، بۇ ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ بويىدىن ئاجراپ كېتىش، ئاي - كۈنى توشماي تۇغۇپ قويۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوڭايلا تۆرەلمە قېپىنىڭ يىرتىلىشىنى ياكى جىنسىي يولدىكى كېسەللىك ۋە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە ئېلىپ بارغاندا، ھامىلىگە ئانچە تەسىرى بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى جىنسىي ئالاقىنى بەدەننى قىيپاش قىلىپ، ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئېغىرلىقى ئارتىپ كەتكەن بالىياتقۇ جىنسىي ئالاقىدە زەكەر كۈچەپ كەتكەندە، قورساق قىسمىغا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئىككەيلەن سەمىمىيلىك بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئەر ئىمكانقەدەر زەكىرىنىڭ جىنسىي يولغا كىرىش كۈچىنى ئازايتسا، بۇ جەھەتتىكى مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى جىنسىي تۇرمۇشتاتۇغۇتتىن ساقلىنىش كېرەكمۇ - يوق؟ | UyghurWiki | UyghurWiki