بالىنىڭ سېمىزلىكىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىنىڭ سېمىزلىكى ئۇزۇن مۇددەت نورمىدىن ئارتۇق ئېنېرگىيىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، بالىنىڭ سەمىرىپ كېتىش نىسبىتى ۋە ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش نىسبىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك شۇنداقلا سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىش پاراللېل بولۇپ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلغان بالىلارغا قارىغاندا سەمرىپ كېتىشى ئاز بولۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. چۈنكى ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا بالىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن سۈت بېرىدۇ، يەنى ئەمگۈسى كەلگەندە ئېمىتىدۇ. ئەكسىچە سۈنئىي بېقىلغان بالىلارنى بولسا ئانا يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشىنى قوللىشى، يەنە دائىم بالىنى تويماي قالدى دەپ ئەنسىرەپ بالدۇر ياكى كېيىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشى تۈپەيلىدىن، بالىلار زىيادە يەۋېلىپ، سەمرىپ كېتىدۇ. بۇمۇ ئانا سۈتىنىڭ ئارتۇقچىلىقى، سېمىز بالىلار ئىزچىل سېمىز بولۇۋەرمەيدۇ. ئەگەر ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن بالىلار زىيادە ئوزۇقلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە، سېمىزلىك داۋاملىشىۋېرىدۇ. بۇ خىل ئوزۇقلىنىش ئادىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى سېمىزلىكنى بەلگىلەشتە ھالقىلىق رول ئويناپ قالىدۇ. بالىنىڭ سېمىزلىك ئەھۋالى يەنە يېمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىسى ۋە ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، يېمەك - ئىچمەكنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىپ، ئېھتىياجلىق بولغاندا تاماق بېرىش، زورلاپ يېگۈزمەسلىك كېرەك. بالىنى ئەگەشتۈرۈپ ھەرىكەت قىلسىڭىز، بالىنىڭ ئورۇقلىشىدا ئىلگىرىلەش بولىدۇ.