تۇغما يۈرەك كېسىلى بالىلارنى قانداق كۈتۈشكېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
تۇغما يۈرەك كېسىلى بالىلارنى كۈتۈشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. ئىنچىكىلىك بىلەن بېقىش. كىچىك بوۋاقلارغا نىسبەتەن سۈت ئېمىتكەندە بەك ئەستايىدىل، سەۋرچان بولۇش، قېقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم ئېمىتىش.
2. ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش، كېسەللەنگۈچىنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش. قاتتىق يىغلاشتىن يۈرەكنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېغىرلىتىۋېتىشتىن ساقلىنىش.
3. ئوزۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش. تەركىبىدە ۋىتامىن، ئاقسىل مول بولغان ھەم يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگۈزۈپ كېسەللەنگۈچىنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش.
4. يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش. كېسەللەنگۈچىنى ئادەم كۆپ بولغان ئاممىۋى سورۇنلارغا ئېلىپ بېرىشتىن ساقلىنىش، قىزىپ قالغان ياكى يۆتەل بولۇپ قالغانلار بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق.
5. قەرەللىك تەكشۈرتۈش. تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ تۇرۇش، كېسەللىك ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
6. ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش. كېسەللەنگۈچىدە قىزىش، يۆتىلىش، نەپەسلىنىشى جىددىيلىشىش، رەڭگى كۆكىرىش قاتارلىق ئىپادىلەرنىڭ كۆرۈلۈشى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى ياكى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.