نېمە ئۈچۈن ياقۇت رەڭدار بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ياقۇت كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، شۇڭا، قىممەتلىك گۆھەر دەپ قارىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە كىشىلەردە ياقۇتنىڭ رەڭدارلىقىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولدى.
ئەمەلىيەتتە ياقۇتنى تەبىئەت دۇنياسى ئاپىرىدە قىلغان تەبىئىي قىممەتلىك گۆھەر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇزاق گېئولوگىيە يىللىرى مابەينىدا، بەزى رودىلار يەر پوستى ھەرىكىتى داۋامىدا، ئۇزاق مۇددەتلىك يۇقىرى بېسىم ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدە كۆزنى چاقنىتىدىغان ياقۇتقا ئۆزگەرگەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى مېتاللار ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان. ئالىملار ئوخشاش بولمىغان ياقۇتلارنى خىمىيىلىك ئانالىز قىلىش ۋە سپېكترلىك باھالاپ بېكىتىش ئارقىلىق، رودا تەركىبى ئوخشاش بەزى ياقۇتلارنىڭ تەركىبىدىكى مېتال ئېلېمېنتى ئوخشاش بولمىسا ياكى تەركىبىدىكى مېتال مىقدارى رەڭگىنىڭمۇ ھەر خىل بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن، ئاليۇمىن ئوكسىدى (ياقۇتنىڭ بىر خىلى)، بۇ خىل رودىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئوكسىدلانغان ئاليۇمىن، ئەگەر ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاز مىقداردا مېتال خروم بولسا قىزىل ياقۇت بولىدۇ، ئەگەر تەركىبدە مېتال تۆمۈر ۋە مېتال تىتان بولسا يېشىل ياقۇت بولىدۇ. چۈنكى، ھەر خىل مېتاللارنىڭ ھەر خىل رەڭلەرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلار نۇردىكى بىر قىسىم رەڭلىك نۇرنى قوبۇل قىلىپ، باشقا رەڭلىك نۇرنى قايتۇرىدۇ، شۇڭا، ياقۇت رەڭدار كۆرۈنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، بەزى ياقۇتلارنىڭ رەڭگى ئۇلارنىڭ ئاتوم تەرتىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ياقۇتنى شەكىللەندۈرىدىغان مىنېرال كرىستالنىڭ ئىچىدىكى ئاتومنىڭ تارقىلىشى ھەر خىل بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نۇر قوبۇل قىلىش ۋە نۇر قايتۇرۇشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ياقۇتنىڭ رەڭگى ۋە نۇرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ.