UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبىر قېتىم بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن يەنە ئوپېراتسىيە قىلسا بولامدۇ؟

بىر قېتىم بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن يەنە ئوپېراتسىيە قىلسا بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىر قېتىم بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم يەنە بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلماسلىق كېرەكمۇ؟ ئادەتتە، چوقۇم دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن ئالىملار بۇ ھەقتىكى گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم بىر قېتىم ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغقاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق تۇغۇتتا يەنە ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىماقتا. يۇقىرىقى يېڭى بايانغا ماس ھالدا، كلىنىكىلىق ئەمەلىي ئەھۋاللار. پەقەت بۇرۇن بىر قېتىم ئوپېراتسىيە بولۇپ، كېيىن ھامىلىدار بولغانلار ئاي - كۈنى توشقان بولسا ئوڭۇشلۇق، بىخەتەر ھالدا جىنسىي يولدا تۇغالايدىكەن. بۇ ئەسلىدىكى بالىياتقۇ يارا ئىزىنىڭ پۇختا تۇتقان - تۇتمىغانلىقى ۋە يەنە تۇغسا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەسىلىگە، شۇنداقلا قايتا ئاي - كۈنى توشۇپ ھامىلىدار بولغانلارنىڭ ئوپېراتسىيىسىنىڭ باشقا كۆرسەتمىلىرىگە بېرىپ تاقالدى. ئەگەر قايتا ئاي - كۈنى توشۇپ، ھامىلىدار بولغان ۋاقىتتا، ئىلگىرىكى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشتا كۆرۈلگەنگە ئوخشاشلا مەسىلە بايقالسا، مەسىلەن، داس سۆڭەك تار، غەلىتە، گىگانت بوۋاق بولسا، يەنىلا قايتا ئوپېراتسىيە قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ھامىلە ئورنى توغرا بولمىسا، ھامىلە قىسىلىپ قالسا، ھامىلە ئالدىغا جايلىشىپ قالسا، ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىم سندرومىغا گىرىپتار بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا ئادەتتە ئوپېراتسىيە قىلسا بىر ئاز ياخشى. بالىياتقۇدىكى يارا ئىزى جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغقاندا، يەنە يىرتىلىپ كېتەمدۇ - يوق؟ ھەتتا جىنسىي يولدىن تۇغسا ئوڭۇشلۇق بولامدۇ - يوق؟ دېگەندەكلەرگە تۆۋەندىكى بىرقانچە ئامىلنى ئويلىشىش كېرەك. 1. ئالدىنقى قېتىملىق ئوپېراتسىيە ئارىلىقى بىلەن كېيىنكى قېتىملىق ئوپېراتسىيە ئارىلىقى ئىككى يىلدىن يۇقىرى بولۇشى. 2. ئالدىنقى قېتىملىق ئوپېراتسىيە شەكلى چوقۇم بالىياتقۇنىڭ تۆۋەن قىسمىنى ئوپېراتسىيە قىلغان بولۇشى. 3. ئالدىنقى قېتىملىق ئوپېراتسىيىدە، بالىياتقۇ ئېغىزى مەلۇم دەرىجىدە كېڭەيگەن ياكى ئوپېراتسىيىدىن كېيىن يەنە بالا چۈشۈرۈش تارىخى بولغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغقان ياخشى. 4. بۇ قېتىملىق تۇغۇتتا ھامىلىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە داس سۆڭەكنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ماس كەلمەسلىك ئەھۋاللار بولماسلىق. 5. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى جىنسىي يولدىن تۇغۇشقا قوشۇلۇشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە