پاسسىپ ئىممۇنىتېت دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
پاسسىپ ئىممۇنىتېت بولسا دەل ئەكسىچە ئانتىتېلا تۈرىدىكى ماددىلار مەسىلەن: گاما شار ئاقسىلى، ئانتىتوكسىن، ئىممۇنىتېتلىق قان زەردابى (تەركىبىدە زور مىقداردا ئىممۇنىتېتلىق ئاقسىل بار) قاتارلىقلارنى بىۋاسىتە بەدەنگە كىرگۈزۈپ، بەدەننى بىۋاسىتە ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئېرىشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. پاسسىپ ئىممۇنىتېت بولسا بىر خىل جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى بولۇپ، پاسسىپ ئىممۇنىتېت ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقىراق، ئادەتتە ئۈچ - تۆت ھەپتە ساقلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىممۇنىتېتلىق قان زەردابى ياكى شار ئاقسىلىنى ئوكۇل قىلغاندا، بەدەن ئىممۇنىتېتلىق ھالەتتە تۇرىدۇ ئەمما بۇ خىل ئىممۇنىتېتنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كىرگۈزگەن ئانتىتېلا ھاسىل قىلغان بولۇپ، بەدەندە ئانتىتېلا ھاسىل قىلمىغان، كىرگۈزۈلگەن ئانتىتېلا ئۈزلۈكسىز بۇزۇلۇپ ۋە سىرتقا چىقىرىۋېتىلىدىغان بولغانلىقتىن ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەس، ئادەتتە ئۈچ ھەپتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بىر خىل ۋاقىتلىق ئىممۇنىتېت تەدبىرىدۇر. كۆپ كۆرۈلىدىغان پاسسىپ ئىممۇنىتېت ياسالمىلىرىدىن: ئانتىتوكسىن، ئىممۇنىتېتلىق قان زەردابى، گامما شار ئاقسىلى، ئالاھىدە ئىممۇنىتېتلىق شار ئاقسىلى، يۆتكىگۈچ فاكتور، توسالغۇ ماددا قاتارلىقلار بار.