UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكىچىك بالىلار قىزىپ قالغاندا نېمە ئۈچۈنئاسانلا تارتىشىش يۈز بېرىدۇ؟

كىچىك بالىلار قىزىپ قالغاندا نېمە ئۈچۈنئاسانلا تارتىشىش يۈز بېرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تارتىشىش ئادەتتە دۆلىنىش دېيىلىدۇ، تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، بەش ياشتىن تۆۋەن كىچىك بالىلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 5%~2% تىدە ئىلگىرى يۇقىرى قىزىتمىدىن تارتىشىش بولغان، يۇقىرى قىزىتمىدىن تارتىشىش بالىلار بۆلۈمى جىددىي داۋالاشتا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ بىرى. يۇقىرى قىزىتمىدىن تارتىشىش دائىم كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۈز بېرىدۇ، يۇقىرى قىزىتما بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا تارتىشىپ ئەس - ھوشىنى يوقىتىش، ئىككى كۆزى ئۈستىگە قايرىلىش ياكى ئالىغايلىق، بىر يەرگە قاراپ قېتىپ قېلىش، كۆز قارىچۇقى مىدىرلىماسلىق، پۇت - قول قېتىۋېلىش، تۈزلىنىش، ئىككى قول تۈگۈلۈش، بەزىدە بېشى كەينىگە قاتىيىۋېلىش، دەم ئالالماسلىق، ئاغزىدىن مازغاپ كېلىش، چىرايى كۆكىرىش بىلەن ئىپادىلىنىپ، نەچچە مىنۇتقىچە داۋاملاشقاندىن كېيىن كۆپىنچە كېسەللەنگۈچىلەر ئاساسەن ئۆزلۈكىدىن قويۇپ بېرىدۇ. تارتىشىش قويۇپ بەرگەندىن كېيىن كېسەللەنگۈچىنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئىنكاسى ياخشى بولۇپ ئادەتتىكىدەك ئوينايدۇ. لېكىن كېلەر قېتىم قىزىتما بولغاندا يەنىلا تارتىشىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. يۇقىرى قىزىتمىدىن تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ھازىرچە تېخى پۈتۈنلەي ئېنىق بولغىنى يوق. كۆپىنچە كىشىلەر كىچىك بالىلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى تېخى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن يۇقىرى قىزىتما يەنە كىچىك بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى زىيادە قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرغۇزۇشى، ئۇنىڭ سىرتقى تەسىرلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. چوڭ مېڭە بىر ئاز غىدىقلاشقا ئۇچرىسىلا غىدىقلىنىشىنى ئاسانلا كېڭەيتىپ تارتىشىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىللە تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىش بەلگىلىك ئىرسىيەت خاراكتېرىگە ئىگە لېكىن كونكرېت مېخانىزمى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
← بارلىق تېمىلار نەمە