نېمە ئۈچۈن بەزى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارغا بىر قانچە يۈرۈش قانات ئورنىتىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن ھەم چوڭ بىر يۈرۈش ئايلانما قانات ئورنىتىلغان بولىدۇ، بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ روشەن بىر بەلگىسى. ئۇ يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلانغاندا، غايە زور كۆتۈرۈلۈش كۈچى ھاسىل قىلىپ، تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.
سىز دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسىمىغا كىچىك تىپتىكى بىر يۈرۈش پىرقىرىغۇچ ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ قۇيرۇق قانات دېيىلىدۇ. بىراق، قۇيرۇق قاناتنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى ئايلانما قاناتنىڭ ئايلىنىش تەكشىلىكىگە دەل تىك بولىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە؟ ئەسلىدە، ئايلانما قانات گەرچە تىك ئۇچار ئايروپىلاننى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا ئاچىقالىسىمۇ، بىراق ئايروپىلان گەۋدىسى ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىپ كېتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى ئايلانما قاناتنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىنىڭ ئەكسىچە ئىدى. تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسىمىغا قۇيرۇق قانات ئورنىتىلغاندىن كېيىن، بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، تىك ئۇچار ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقىدا تەڭپۇڭ تۇرالايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇيرۇق قانات يەنە تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشىنى تىزگىنلەش رولىنى ئوينىيالايدۇ.
يەنە بەزى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ شەكلى ناھايىتى غەلىتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىككى يۈرۈش ئايلانما قانات ئورنىتىلغان. بۇنداق ئايلانما قانات ئورنىتىلغان ئايروپىلانلارنىڭ قانىتى بەزى ئايروپىلانلارنىڭ ئالدى - كەنى قىسىملىرىغا جايلاشتۇرۇلغان بولسا، بەزىلىرىنىڭ بىر تال ئوق ئۈستىگە بىرى ئېگىز، بىرى پەس قىلىپ جايلاشتۇرۇلغان، ھەتتا بەزى ئايروپىلانلارنىڭ ئايلانما قانىتى ئوڭ -سول تەرەپلەرگە توغرىسىغا جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئادەتتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارغا تازا ئوخشاشمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەسلىدە بۇلار چوڭ تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بولۇپ، ئادەتتە ترانسىپورت ۋە ئېغىر جىسىملارنى كۆتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ، بۇنىڭدا تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ كۆتۈرۈلۈش كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق تىك ئۇچار ئايروپىلانلارغا قوش ئايلانما قانات ھەتتا كۆپ ئايلانما قانات ئورنىتىلىدۇ. ئادەتتە سوقۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئارقا ئايلانما قانات ئالدى ئايلانما قاناتتىن ئېگىز بولىدۇ. ئەمما، بۇ ئايلانما قاناتلارنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى بىر - بىرىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ھاۋادا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇڭا، قوش ئايلانما قاناتلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانغا قۇيرۇق قانات ئورناتسىمۇ بولىدۇ.