ئەمچەكتىن ئايرىشتا پەسىلنىڭ چەكلىمىسى بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئەمچەكتىن ئايرىش بىلەن پەسىلنىڭ مۇناسىۋىتى يوق< دەپ ئېيتالايمىز، بۇ پەقەت بالا ۋە ئانىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىش جەريانى. مۇھىم قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش جەريانى، بۇرۇن خەلق ئارىسىدا كالېندارغا قاراپ ئەمچەكتىن ئايرىيدىغان ئادەت بولۇپ، بۇنىڭ قىلچە ئىلمىيلىكى يوق. بەزى كىشىلەر يازدا ياكى قىش پەسلىدە ئەمچەكتىن ئايرىشتىن ساقلىنىش كېرەك دەيدۇ، چۈنكى ياز پەسلىدە بالىنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ناچار، يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىمۇ تېز ئۆزگىرەيدۇ. ئوڭايلا يۇقۇملىنىپ، ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ. بىراق بىز بىر قىسىم تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقىرىقى ئەھۋالدىن ساقلىنالايمىز، ئوڭاي ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ، يېمەكلىكنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش مەسىلەن: يېڭى يېمەكلىكلەرنى، يەپ ئېشىپ قالغانلىرىنى تاشلىۋېتىش ياكى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇش بولۇپ، بۇلار يۇقىرىقى مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. قىش پەسلىدە ھاۋا بىر ئاز سوغۇق بولۇپ، بەزى بالىلار ئەمچەكتىن ئايرىش مەزگىلىدە ياخشى ئۇخلىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوڭاي زۇكام بولۇپ قالىدۇ، پەقەت تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولغان يەردە تۇرسىلا بولىدۇ. ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.