UyghurWiki
UyghurWikiنەمەپات ئارىدا تۇغىدىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

پات ئارىدا تۇغىدىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىياتقۇنىڭ تارىيىش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھامىلىنىڭ تەۋرىنىشى ئازلايدۇ. بەل، چوڭ پۇت قاتارلىقلار ئېغىرلىشىپ، ئاشقازان يېنىك بولۇپ قالىدۇ. پات - پات سىيىدۇ، ئاجراتمىلار كۆپ بولىدۇ. دوۋسۇن سۆڭىكى ۋە بەل قاتتىق ئاغرىيدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ئىككى - ئۈچ تۈرى كۆرۈلسە، پات ئارىدا تۇغىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەتتە كۈن ئىچىدە تۇغىدۇ. شۇڭا پسىخىكا جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈپ قويۇش. ئۆزىنىڭ خالىغان ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا كىرىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى قىلىشى كېرەك: خالىغان ۋاقىتتا ئېرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇشى، بەدەن پاكىزلىقىنى ساقلىشى (دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن مۇنچىغا چۈشكىلى بولمايدۇ)، ئۇيقۇ تولۇق بولۇشى، يېمەك - ئىچمەك تولۇق بولۇشى كېرەك (مەيلى روھىي جەھەتتە بولسۇن، مەيلى جىسمانىي جەھەتتە بولسۇن، تۇغقاندا چوقۇم ناھايىتى كۆپ روھىي ۋە جىسمانىي كۈچ سەرپ بولىدۇ). تۇغۇشنىڭ بىشارىتى: 1. كالتە تولغاق: قورساق كۆپۈپ، ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىپ، قاتتىق ئاغرىيدۇ. بۇ خىل ئاغرىق تەرتىپلىك بولىدۇ، بۇ كالتە تولغاقنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ ئالامىتى. كالتە تولغاق ئەمدىلا باشلانغان ۋاقىتتىكى ئۆزئارا پەرق 30 مىنۇت بولىدۇ، بىراق بەزى ئاياللار 15 مىنۇتتا بىر ئاغرىيدۇ. كالتە تولغاقتىن ئىلگىرى يالغان كالتە تولغاق بولىدۇ، ئۇ راست كالتە تولغاق بىلەن ئوخشىمايدۇ، تەرتىپلىك ئەمەس. بەزى ھامىلىدار ئاياللار يالغان كالتە تولغاقنى راست تولغاق دەپ قاراپ قېلىپ، جىددىيلەشكەن ھالدا دوختۇرخانىغا بارىدۇ. ئېسىڭىزدە ساقلاڭ، پەقەت تەرتىپلىك تولغاقلا كالتە تولغاق بولۇپ، تۇغۇشنىڭ بىشارىتى. 2. قىزىل نەرسىلەر كۆرۈنىدۇ: ئاجراتمىلارنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن جىنسىي يولدىن قان رەڭگىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كېلىدۇ. بۇ ئەمدىلا باشلانغان ھەيز بولۇپ، تۇغىدىغان ئالامەتنىڭ بىرسى. ھامىلە بېشى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، بالىياتقۇ ئېغىزى ئاستا ئېچىلىدۇ. ئېچىلغان قىسمىدىكى تۆرەلمە قېپى ۋە بالىياتقۇ ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش بولۇپ، ئاستا - ئاستا قان چىقىدۇ. ئەگەر كالتە تولغاق بولماي، ئاۋۋال باش سۈيى يېرىلسا ياكى قاننىڭ كېلىشى ھەيزدىن كۆپ بولسا، چوقۇم دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە