UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئاڭلاش سېزىم ئىقتىدارى بوۋاق تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئۆز رولىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. قۇلاقتىكى باش سۈيىنىڭ تازىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئاۋازنى تېخىمۇ ئوڭاي قوبۇل قىلىدۇ ۋە ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. شۇڭا، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر قانچە كۈندە ئاڭلاش سېزىمىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئاڭلاپلا قالماستىن، ئاۋاز چاستوتىسىغىمۇ ئىنتايىن سەزگۈر كېلىدۇ. ئاڭلاش سېزىمىنى مەشىق قىلدۇرغاندا، ئائىلە باشلىقلىرى بوۋاقنىڭ قۇلىقىغا ئوخشاش بولمىغان تەرەپتە تۇرۇپ، يېنىك گەپ قىلىشى ۋە ئويۇنچۇقلارنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىپ، بالىنىڭ بېشىنى بۇراپ، ئاۋاز مەنبەسىنى ئىزدەشنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك. كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سېزىمىنى بىرلەشتۈرۈپ مەشىق قىلغۇزسىمۇ بولىدۇ. ئانىنىڭ ئاۋازى بوۋاقنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاۋازلىرىنىڭ بىرى. مەيلى ئېمىتكەن ياكى بالىغا قاراۋاتقان جەريان بولسۇن، ئانا خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان يەردە خۇشاللىق كەيپىيات بىلەن، مۇلايىملىق بىلەن، يېقىملىق ئاۋازدا بوۋاققا گەپ قىلىپ، بوۋاقنىڭ ئاڭلاش ۋە ئانىنىڭ ئاۋازىغا دىققەت قىلىشىنى قوزغاپ، بوۋاققا ئانىنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئېغىز قىياپىتى ۋە يېقىملىق كەيپىياتىنى، كۈلۈمسىرىگەن چىرايىنى كۆرسىتىش، بولۇپمۇ بوۋاق يىغلىغان ۋاقىتتا، سۆزلەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش، قۇچاقلاش كېرەك. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت پۈتۈنلەي بالىنىڭ تىلغا بولغان تەسىرىنى قوبۇل قىلغۇزۇپ، بوۋاقنىڭ سۆزلەش ئارزۇسىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ يەنە بۇنىڭدىن كېيىنكى تىل ئۆگىنىشكە غايەت زور ياردىمى ۋە تەسىرى بولىدۇ ھەم شۇنداقلا بۇ ۋاقىتتا ياخشى كەيپىيات ئاكتىپ كەيپىيات پەيدا بولۇپ، ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. بوۋاق يېقىملىق مۇزىكىنى ئاڭلىغاندا، خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، ئوخشاش بولمىغان رىتىمدىكى يېنىك مۇزىكىلارنى بوۋاققا قويۇپ بېرىش، مۇزىكىنىڭ ئاۋازى تۆۋەن، يېقىملىق، يېنىك بولۇشى بەك مۇھىم. بۇ بالىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە