بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بېرىشنىڭ قانداق پرىنسىپلىرى بار؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بېرىشنىڭ ئادەەتتىكى پرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. تۈرى جەھەتتە بىر خىلدىن كۆپ خىللىشىش. باشلىنىشتا بوۋاقنىڭ يېمەكلىككە بولغان ماسلىشىشچانلىقى تېخى ناچارراق، كۆپ يېمەكلىكلەرنى بىللە قوشۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. بىر خىل - بىر خىلدىن سىناش، بوۋاق بىر خىلغا كۆنگەندىن كېيىن يەنە بىر خىلنى قوشۇپ بېرىش. ئەگەر بوۋاق يېمەكلىكنى رەت قىلغاندا ياكى ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، ھەرگىزمۇ مەجبۇرلىماسلىق، بوۋاقتا بىزارلىق پسىخىكىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
2. مىقدارى جەھەتتە، ئازلىقتىن كۆپىيىش. قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بەرگەندە ئاز مىقداردىن باشلاپ بارا - بارا كۆپەيتىش. چوڭ تەرەتنىڭ خاراكتېرىدە غەيرىيلىك كۆرۈلگەن ھامان، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەردە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش ياكى توختىتىش، بوۋاق نورمال ھالەتكە قايتقاندىن كېيىن ئاندىن ئاز مىقداردىن سىناپ يېگۈزۈش كېرەك.
3. سۈپەت جەھەتتە، سۇيۇقتىن قويۇقلىشىش ۋە يۇمشاقتىن قاتتىقلىشىش، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىشكە باشلىغاندا، سۇيۇق، يۇمشاق بولۇش، ئاساسىي جەھەتتىن شەربەت، بوتقا، شورپا، قىيما تەرتىپىگە ئاساسەن قەدەممۇ قەدەم قويۇقلىشىش، قاتتىقلىشىش كېرەك.
5. تاماقلاندۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتە، قوشۇقنى ئاساس قىلىش. بۇنداق قىلغاندا بوۋاق كۈندىلىك قاچا - قۇمۇشلارنى ئىشلىتىشكە كۆنۈپ، ئەمچەك توپچىسىغا بولغان بېقىندىلىق ئاجىزلاپ، ئەمچەكتىن ئايرىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس يارىتىشقا بولىدۇ.
5. تەم جەھەتتە، تۇزسىزنى ئاساس قىلىش. يېرىم ياشتىن ئىلگىرى، بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ۋە چىقىرىش ئىقتىدارى بىر ئاز نازۇك، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرگە ئەڭ ياخشىسى تۇزنى قوشماسلىق، جىگەر، بۆرەكنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېغىرلىتىۋېتىشتىن ساقلىنىش. ئۇنىڭدىن سىرت، بوۋاق ئاغرىپ قالغانلاردا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئازراق قوشۇپ بېرىش ياكى توختىتىش ئارقىلىق ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى يېنىكلىتىش كېرەك.